 |
| ياردەم |  |
| كونا خەۋەرلەر |  |
| زىيارەتچىلىرىمىز |  |
| مۇنبەر يېتەكچىسى |  |
| تەۋسىيەلەر |  |
| دوستانە ئۇلىنىشلار |  |

********************************





| |
| بىلىك تېمىلىرى |  |
|  |
 | ئەپچىل دېتاللاردىن بىر تەۋسىيە (10) |
Windows نىڭ كۆزنەك نامى ۋە ھالەت قۇرلىرى، دىئالوگ رامكىلىرىدىكى شۇنداقلا كۇنۇبكىلاردىكى خەتلەرنىمۇ كۆچۈرگىلى بولمايدۇ. Windows Text Copyer بولسا دەل ئاشۇنداق خەتلەرنىڭ كۆچۈرۈشتە ئىشلىتىلىدىغان ئاددىي قورال. بۇ دېتالنىڭ خەت تۇتۇش بەلگىسىنى ئۈستەل يۈزلىكىگە قويسىڭىز بارلىق ھۆججەتلەرنىڭ ئىسمىنى تۇتۇۋالىدىكەن. چوڭلىقى 270.67KB بولۇپ، ئىشلىتىش ئۇسۇلى بەكمۇ ئاددىي. قېنى سىناپ بېقىڭ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
http://file6.brsbox.com/download.php?sid=e6c4f7e2d664181ed460b944947e12fa&fc=f0e86b2901756e8fc1a3c63c1d36d3cf/WindowsTextCopyer-Appinn.com.7z
بۇ يەردىن چۈشۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ:
http://www.x-beta.cn/software/windows-text-copyer.html
|
|
|
يوللىغان Izbas -دە 13، June، Saturday @ 16:13:22 MDT (711 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | نومۇر: 0)
|
|
 | Avira AntiVir Personal 9.0.0.394 ھەقسىز ۋىرۇسخور... |
AntiVir بولسا Avira شىركىتىنىڭ ۋىرۇسخورى بولۇپ، ئىقتىدارى مۇكەممەل، سۈرئىتى تېز بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. Avira AntiVir Personal Edition Classic بولسا ئۇنىڭ ھەقىقىي ھەقسىز نەشرى بولۇپ، يۈزلىكى ئاددىي، سۈرئىتى تېز، سىغىمىمۇ كىچىك ، كونا كومپيۇتېرلارغىمۇ ماس كېلىدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
http://dlce.antivir.com/package/wks_avira/win32/en/pecl/avira_antivir_personal_en.exe
|
|
|
يوللىغان Izbas -دە 27، April، Monday @ 10:16:46 MDT (901 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | نومۇر: 3.5)
|
|
 | ئەپچىل دېتاللاردىن بىر تەۋسىيە (9) |
FontViewOK بولسا چوڭلۇقى ئاران 96Kb كېلىدىغان، ناھايىتى ئەپچىل بولغان فونت كەزگۈ بولۇپ، كومپيۇتېرىڭىزدىكى خەت نۇسخىلىرىنى باشقۇرۇشقا بەكمۇ قولايلىق. خەت نۇسخىلىرىنىڭ شەكىللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىپلا قالماستىن، كىرگۈزگەن خېتىڭىزنىڭ ئۈنۈمىنىمۇ كۆرسىتىپ ھەم تەقلىدى پىرىنتلاپ بېرەلەيدۇ. خەت شەكىللىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى، رەڭگىنى، فورماتىنى تاللاشقا بولىدۇ.
مەزكۇر قورالنى تەمىنلىگەن Cushysoft نىڭ دائىم زىيارەت قىلىدىغان http://www.dafont.com نىمۇ تەۋسىيە قىلىمىز: بۇ يەردىكى خەت نۇسخىلىرى ھەقسىز!
دېتال مەنزىلى:
http://www.softwareok.com/Download/FontViewOK.zip
|
|
|
يوللىغان Izbas -دە 03، October، Friday @ 07:49:14 MDT (2158 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | نومۇر: 0)
|
|
 | ئەپچىل دېتاللاردىن بىر تەۋسىيە (8) |
Driver Sweeper بولسا Driver Cleaner نىڭ ۋارىسى بولۇپ، Guru3D توربېتى لايىھەلىگەن ھەرخىل قوزغاتقۇ پىروگراممىلىرىنى سۆكۈش دېتالى. ئاساسلىق رولى پاكىزە سۆككىلى بولمايدىغان قوزغاتقۇ پىروگرامملىرىنى سۆكۈپ، ھەرخىل نەشردىكى يېڭى قوزغاتقۇلارنى قاچىلىغاندىن كېيىن كېلىپ چىققان مۇقىمسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر.
ھازىرچە بۇ دېتال ئارقىلىق NVIDIA سىنكارتىلىرى، ATI سىن كارتىلىرى، Creative ۋە Realtek ئۈنكارتىلىرى، Ageia Physx فىزىكىلق كارتىلىرى، مىكروسوفت مائۇس قوزغاتقۇلىرى... قاتارلىق قاتتىق دېتالا قوزغاتقۇلىرىنى سۆكۈپ تازىلىۋىتەلەيدۇ.
دىققەت: ئالدى بىلەن Add/Remove دىن سۆكمەكچى بولغان پىروگراممىنى سۆكۈپ، ئاندىن بىخەتەر ھالەتتە قوزغىلىپ، Driver Sweeper نى ئىجرالاپ قالدۇقلىرىنى تازىلاڭ. پۈتۈنلەي ھەقسىز.
ئورگان بېتى: http://www.guru3d.com/index.php?page=driversweeper
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
http://rw-racing.nl/driversweeper/DriverSweeper_1.5.exe
http://rw-racing.nl/driversweeper/DriverSweeper_1.5.zip
|
|
|
يوللىغان Izbas -دە 12، June، Thursday @ 09:01:20 MDT (2475 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | نومۇر: 0)
|
|
 | ھەقسىز ئىشلىتىشكە بولىدىغان ۋىرۇسخورلار... |
ھازىر نۇرغۇن ۋىرۇس تازىلاش دېتاللىرىنىڭ مەلۇم مۇددەت ھەقسىز ئىشلىتىدىغان نۇسخىلىرى بولۇپ، تۆۋەندىكى 9 خىلىنىڭ خالىغان بىرىنى تاللىسىڭىز ئاز دېگەندە يېرىم يىل، بەزىلىرىنى ئۇزۇن مۇددەت ھەقسىز ئىشلەتكىلى بولىدۇ. كۆپىنچىسى تىزىملىتىپ ئاكتىپلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىشلەتكەندە ئۆزىڭىزنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىغا ماس كېلىدىغانلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىڭ.
1. Rising 瑞星
ئورگان بېتى : http://www.rising.com.cn
ھەقسىز ئىشلىتىش مۇددىتى: يېرىم يىل
بۇ نەشرى ئولىيمپىك يىغىنىغا ئاتالغان بولۇپ، بىۋاستە چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى: http://www.rising.com.cn/2008/free/index.htm
..........
قىزىقسىڭىز داۋامىنى كۆرۈڭ...
|
|
|
يوللىغان Izbas -دە 25، May، Sunday @ 09:29:45 MDT (2767 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | 5603 بايت قالدى | نومۇر: 5)
|
|
 | ئەپچىل دېتاللاردىن بىر تەۋسىيە (7) |
GermaniX Transcoder بولسا ئاۋاز ھۆججەتلىرىنىڭ فورماتىنى ئالماشتۇرۇش دېتالى بولۇپ، WMA ،MP3 ،MP2 Ogg.Vorbis ،GSM ،VOX ،G.721 ،G.723 ،G.726 ،ADPCM ۋە U-Law قاتارلىق ھۆججەت فورماتلىرىنى ئۆز-ئارا يەڭگۈشلىيەلەيدۇ. ھازىرقى نەشرى GermaniX Transcoder 5.0.0.733 Beta 4 بولۇپ، پۈتۈنلەي ھەقسىز.
مەنزىلى:
http://germanixsoft.de/dlm1/upload/setup_gx.exe
|
|
|
يوللىغان Izbas -دە 14، April، Monday @ 04:25:02 MDT (1664 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | نومۇر: 1)
|
|
 | ئەپچىل دېتاللاردىن بىر تەۋسىيە (6) |
FLV Extract بولسا ھازىر توردا كۆپ ئۇچرايدىغان ھۆججەت __ FLV فورماتىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ ئاۋاز ۋە كۆرۈنىشىنى ئايرىپ بېرىدىغان دېتال بولۇپ، ھېچقانداق يەشكۈچى كودلارنى ئىشلەتمەيدۇ. ئاران 50Kb كېلىدۇ، قاچىلاش ھاجەتسىز. ئاۋاز ھۆججىتى ئەسلى ھۆججەتتىكى ئېنىقلىقتا mp3 فورماتىدا، كۆرۈنۈش ھۆججىتى avi فورماتىدا ساقلىنىدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
http://moitah.net/download/latest/FLV_Extract.zip
|
|
|
يوللىغان Izbas -دە 05، March، Wednesday @ 15:22:11 MST (1599 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | نومۇر: 0)
|
|
 | ئەپچىل دېتاللاردىن بىر تەۋسىيە (5) |
بۇ رەڭ تاللاش قورالى بولۇپ، تور بەت ياسىغۇچىلار ۋە ياكى لايىھەلىگۈچىلەر ئۈچۈن بەك ئەسقاتىدۇ. ئىشلىتىش ئۇسۇلىمۇ ئاددى. گەرچە توردا بۇ خىلدىكى قوراللار كۆپ بولسىمۇ، ئەمما مەن بۇنى تەۋسىيە قىلىمەن... چۈنكى بۇنىڭ بىر يېرى يەنى رەڭ تەخسىسى ( Color Pallete ) ماڭا يارايدۇ. ھەممە ئىشلىتىدىغان رەڭلەرنى بىراقلا تاللىۋېلىشقا بولىدۇ.
ئورگان بېتى: http://www.filebird.com/the-color-picker/download/
چۈشۈرۈش مەنزىلى: http://i.filebird.com/file/TheColorPickerSetup.exe
|
|
|
يوللىغان Izbas -دە 30، January، Wednesday @ 08:56:59 MST (1159 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | نومۇر: 0)
|
|
 | ئەپچىل دېتاللاردىن بىر تەۋسىيە (5) |
Notepad++ بولسا ئىقتىدارى مۇكەممەل بولغان ھۆركودلۇق تەھرىرلىگۈچ بولۇپ،ھازىرقى نەشرى: Notepad++ 4.7 رەسمىي نەشرى. ھەر خىل تىللاردا تۈزۈلگەن كود ۋە سىكرىپىتلەرنى رەڭدار، قاتلاملار بويىچە كۆرسۈتۈپ بېرەلەيدۇ. قوللايدىغان تىللار:
C, C++ , Java , C#, XML, HTML, PHP, Javascript , RC resource file, makefile, ASCII art file (extension .nfo , screenshot1, screenshot2), doxygen, ini file, batch file, ASP , VB/VBS source files , SQL , Objective-C , CSS, Pascal, Perl, Python and Lua.
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
Notepad++ 4.7
|
|
|
يوللىغان Izbas -دە 01، January، Tuesday @ 14:12:49 MST (1351 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | نومۇر: 0)
|
|
 | Windows يۈزلىكىنى ئۆزگەرتىۋېلىڭ... |
يېڭى يىلمۇ كىرىپتۇ... كومپيۇتېرىڭىزدىكى Windows سىستېمىسىنىڭ يۈزىگە كۈندە قاراۋېرىپ زېرىكىپمۇ قالغانسىز؟ تۆۋەندە 5 خىل دېتالنى سىزگە تەۋسىيە قىلىمىز. سىز بۇ دېتاللارنى قاچىلاپ، Vista ، Leopard OSX ، Aqua OSX ، Fedora ۋە Ubuntu قاتارلىق سىستېمىلارغا ئوخشاش يۈزلۈككە ئېرىشەلەيسىز.
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
Vista
Leopard OSX
Aqua OSX
Fedora
Ubuntu
|
|
|
يوللىغان Izbas -دە 01، January، Tuesday @ 13:13:29 MST (1110 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | نومۇر: 0)
|
|
 | ئەپچىل دېتاللاردىن بىر تەۋسىيە (4) |
نۇرغۇن چاغلاردا كىچىك بىرەر بۆلەك تېكىستنى، مەسىلەن تېلېفون نومۇرى، ئادرېسس... لارنى خاتىرىلەشكە توغرا كېلىدۇ.. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز Notepad , Word لارنى قوزىتىشتىن ئېرىنىمىز. ئەنە شۇنداق ئىككىلىك خەت ئۈچۈن «چوڭ قەغەز» نى ئىسراپ قىلغۇڭىز كەلمىگەن چاغلاردا ھەقسىز، يېشىل دېتال Picostick نى ئىشلىتىڭ. Picostick نىڭ چوڭلۇقى ئاران 6kb بولۇپ، ۋىندوۋستىكى ئەڭ كىچىك پروگرامما دېيىشكە بولىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى بەكمۇ ئاددىي: چۈشۈرىسىز > قوش چېكىسىز> ۋەزىپە قۇرىدا سىنبەلگىسى پەيدا بولىدۇ. ئوڭ چېكىپ يېڭى ھۆججەت تۇرغۇزىسىز، قوش چەكسىڭىز ھۆججەتلىرىڭىزنى كۆرۈسىز.
مەنزىلى: http://www.picofactory.com/download/zip/free/software/pstick.exe
ئورگان بېتى: http://www.picofactory.com/download/free/software/sticky_note/picostick
|
|
|
يوللىغان Izbas -دە 27، October، Saturday @ 11:57:23 MDT (1292 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | نومۇر: 0)
|
|
 | ئەپچىل قوراللاردىن بىر تەۋسىيە (2) |
FSCapture بولسا ئىككى خىل قوشۇمچە ئىقتىدارنى يەنى بىرى، رەڭ تاللاش يەنە بىرى لوپا ئەينەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئەپچىل رەسىم تۇتۇش دېتالى بولۇپ، تۇتۇلغان رەسىملەرگە نىسبەتەن چوڭايتىش-كىچىكلىتىش، ئايلاندۇرۇش، كېسىش، رەڭ تەڭشەش... قاتارلىق ئاددىي مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. مەشغۇلاتى ئاددىي، ھەقسىز.
چۈشۈرۈش مەنزىلى: http://www.faststone.org/DN/FSCaptureSetup58.zip
|
|
|
يوللىغان Izbas -دە 05، October، Friday @ 11:17:59 MDT (953 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | نومۇر: 0)
|
|
 | MPlayer for Windows |
MPlayer بولسا Linux سىستېمىسىدىكى ئەڭ ياخشى ئۈن-سىنەك* بولۇپ، ھازىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا Windows سىستېمىسىغا كۆچۈرۈلدى. MPlayer سىستېمىڭىزدىكى ھېچقانداق كودلىغۇچلارغا تايانمايمۇ ھازىر كۆپ ئىلىتىلىۋاتقان بارلىق ئۈن ۋە سىن فورماتلىرىنى ئاچالايدۇ. ئىگەللىگەن سىستېما مەبلىغى باشقا ئۈن-سىنەكلەردىن پەرقلىق ھالدا تۆۋەن بولۇپ، تۆۋەن سەپلىمىلىك كومپيۇتېرلارغا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. ئىنكاسى ئىنتايىن تېز.
چۈشۈرۈش مەنزىلى: http://tirnanog.fate.jp/mirror/Misc%20(not%20by%20celtic_druid)/mplayer_GUI/LoRd_MuldeR/MPUI.2007-07-29.Full-Package.exe
ئۈن-سىنەك*__ Media Player
|
|
|
يوللىغان Izbas -دە 31، July، Tuesday @ 15:52:44 MDT (1126 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | نومۇر: 0)
|
|
 | ھەقسىز دېتاللاردىن -- Inno Setup |
Inno setup بولسا ھەقسىز قاچىلاش پروگراممىسى ياسايدىغان قورال بولۇپ، ئىشلىتىش قولايلىق، ئاددىي بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. pascal سىنارىيەسىنى* قوللايدۇ. ئۆگەنگۈچىلەرگە ماس ھالدىكى سىنارىيە يېتەكچىسى ھەم ئۇستىلارغا ماس ھالدىكى سىنارىيە پۈتكەكلىرىنى ** ئۆز ئىچىگە ئالغان. كام ئۇچرايدىغان ياخشى دېتال.
چۈشۈرۈش مەنزىلى: http://inno.benjamin-schirmer.de/isetup-5.1.13.exe
* سىنارىيە -- scripit
** پۈتكەك -- تەھرىرلىگۈچ
|
|
|
يوللىغان Izbas -دە 24، July، Tuesday @ 07:28:23 MDT (1000 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | نومۇر: 0)
|
|
 | ئەپچىل سىستېما قوراللىرىدىن بىر تەۋسىيە... |
ھەر قېتىم سىستېمىنى يېڭى قاچىلاپ، كېپەكتەك سىستېما ياماقلىرىنىنى ئۇرۇپ بولغاندا xpy نى بىر قېتىم ئىجرالىۋېتىش ئاقىلانىلىك~!
مەزكۇر دېتالنىڭ چوڭلۇقى ئاران 60 Kb ئەتراپىدا بولۇپ، Windows 2000/XP/2003 نىڭ بارلىق تەڭشەكلىرىنى دېگۈدەك ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. مەزكۇر قورال ئارقىلىق بىھاجەت بولغان پورتلار، Windows Messenger,WMP قاتارلىق مۇلازىمەتلەر... قاتارلىقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋەتكىلى بولىدۇ. ئېھتىياجغا ئاساسەن تەييار سەپلىمىلەرنى تاللاشقىمۇ بولىدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى: http://prdownloads.sourceforge.net/xpy/xpy-0.9.9-ENGLISH-bin.zip...
|
|
|
يوللىغان Izbas -دە 09، June، Saturday @ 09:18:16 MDT (1276 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | نومۇر: 0)
|
|
|  |
| 
|