Izdiyari! gha xush kepla

     ياردەم
Uyghurchini korelmidim !

     كونا خەۋەرلەر
07، April، Friday
· سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ش ئۇ ئا ر غا كىرىدىكەن
01، April، Saturday
· بىر يولۇچىلار پاراخوتى بەھرەيىن ئەتىراپىدىكى دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەن
· پەلەستىن يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى آ
30، March، Thursday
· ئىسرائىلىيە مەڭگۈلۈك چېگرا بېكىتىشنى قارار قىلدى
· 29-مارت ئالتاي رايونىدا كۈننىڭ يېرىم تۇتۇلۇشى كۆرۈلدى
· كولۇمبىيەدە بىر كىچىك ئايرۇپىلان چۈشۈپ كەتتى
· روسىيە ''بىرلەشمە TMA-8'' ئادەملىك ئالام كېمىسى قويۇپ بېرىلدى
28، March، Tuesday
· كورىيەدىكى بىر باغچىدا دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى
23، March، Thursday
· ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى يەنە بىر قېتىم تەڭشەيدۇ٢
22، March، Wednesday
· Internet Explorer 7.0 Beta2 ئېلان قىلىندى
16، March، Thursday
· ﺳﺎﺩﺍﻡ ﻫﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ئۆتتى
15، March، Wednesday
· قورغاس ناھىيىسىدە غايەت زور ئوت ئاپىتى يۈز بەردى...
13، March، Monday
· ئىزدىيارى تور بېتى پۈتتى....

     زىيارەتچىلىرىمىز
خۇش كەلدىڭىز, يولۇچى
نامىڭىز پارولىڭىز
(تىزىملىتىش)
ئەزالار:
ئاخىرقى: yacobin
بۈگۈنكى: 0
تۈنۈگۈنكى: 0
جەمئىي: 196

ھازىر لىنىيەدە:
زىيارەتچىلەر: 22
ئەزالار: 0
جەمئىي: 22

     مۇنبەر يېتەكچىسى

* باشبەت
* مۇنبەر
ئەبجەش سەھىپىلەر
-- ئاۋات بازار
-- كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم ۋە ئويلىغانلىرىم
-- تارىخ ھەققىدە
-- ئەدەبىيات قەسىرى
-- مائارىپ ۋە مەدەنىيەت
-- تەرمىلەر
-- خانىم-قىزلار قەسىرى
-- ئەرلەر دۇنياسى
-- مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا
-- چەتئەل تىلى كۇلۇبى

قامۇسلار
-- ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە
-- ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى
-- ماقال- تەمسىللەر

كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت
-- كومپيۇتېر دېتاللىرى
-- ئىنتېرنېت بىلىملىرى
-- كومپيۇتېر دەرسخانىسى

ئەلەم ۋە قەلەم
--
سىياسىي ۋە ھەربىي ئېقىم مەسىلىلىرى
--ئۇرۇش تارىخى ، تاكتىكا ، ستراتىگىيە مەسىلىلىرى
--قورال-ياراق ۋە ھەربىي تېخنىكىلار


     تەۋسىيەلەر

     دوستانە ئۇلىنىشلار


********************************






     بىلىك تېمىلىرى
·[3D]ئائىلە
·Windows mobile غا ئۇيغۇرچە قاچىلاش
·خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تېمىدىكى ھېكمەتلەر
·Blackberry Bold 9000 دا ئۇيغۇرچە توربەت كۆرۈش
·ئۇيغۇرچە فونت ھەققىدە تېخنىكىلىق گەپلەر
·Mac OS X ۋە iPhone دىكى ئۇيغۇرچە
·قانداق قىلغاندا ئۇيغۇرچەكىرگۈزگۈچلەرنى مۇقىم
·خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە تەرجىمە توپى
·ئۆزبەكچە-فىرانسوزچە لۇغەت
·Win Mobile نىڭ توركۆرگۈلىرىدىكى ئۇيغۇرچە

داۋامىنى ئوقۇڭ...

Izdiyari: Izdiyari

بۇ تېما توغرۇلۇق ئىزدەش:   
[ باش بەتكە قايتىش | يېڭى تېما تاللاش ]

 خەلق تورى ئۇيغۇر قاتارلىق تۆت ئاز سانلىق مىللەتنىڭ تور بېتىنى يېڭىدىن يولغا قويدى

Izdiyariخەلق تورى، بېيجىڭ، 19-ئىيۇن تېلېگراممىسى . خەلق تورىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىل – يېزىقىدىكى تور بەتنى يولغا قۇيۇشى يېڭى بىر بۆسۈش ھاسىل قىلدى.بۈگۈنكى كۈندە خەلق گېزىتىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق،يىزۇ، جۇاڭزۇ يېزىقىدىكى تور بەتلىرىمۇ داغدۇغىلىق ھالدا ئېچىۋىتىلدى. ھازىر خەلق گېزىتىنىڭ مۇڭغۇل، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، قازاق ،چاۋشىيەن ، يىزۇ، جۇاڭزۇ قاتارلىق يەتتە ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى تور بېتى بار بولۇپ ، خەلق گېزىتى پارتىيە قۇرۇلتىيى،خەلق قۇرۇلتىيى بىلەت تاشلاش ئارقىلىق بەلگىلەپ چىققان يەتتە ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى بىكەتلەر توپىنى قۇرۇپ چىقىش لايىھەسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلق گېزىتىنىڭ ئۇيغۇرچە يانفۇن گېزىتى ۋە زاڭزۇچە يانفۇن گېزىتىمۇ پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتىلىشقا باشلىدى.
http://uyghur.people.com.cn
http://kazakh.people.com
http://yi.people.com.cn
http://sawcuengh.people.com.cn

يوللىغان Izbas -دە 23، June، Tuesday @ 03:03:19 MDT (878 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | 6820 بايت قالدى | نومۇر: 5)

 توردىكى تۇنجى مۇسۇلمانلار مەھەللىسى ــ Muxlim Pal ئېچىلدى...

Izdiyari«ئىككىنجى ھايات( Seconde Life )» ئويۇنىغا ئوخشاپ قالىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ مەۋھۈم دۇنياسى ــ Muxlim Pal دۇنياغا كەلدى.
بۇ «مەھەللە»دە دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلار ئۆز- ئارا ئالاقىلىشالايدۇ. بۇ يەردە مۇسۇلمانلار سوۋغىلارنى سېتىۋېلىپ بىر بىرىگە سوۋغا قىلىشالايدۇ؛ قىرائەتخانىلارغا كىرىپ قىرائەت تىڭشىيالايدۇ؛ ئىسلامىي بىلىملەرنى ئۆگۈنەلەيدۇ...
مەزكۇر «مەھەللە»نى قۇرغۇچىلارنىڭ دىيىشىچە بۇ تور بەت نوقۇل ھالدىكى دىنىي سورۇن بولماستىن مۇسۇلمانلارنىڭ پائالىيەت سورۇنى بولالايدىكەن. مۇسۇلمان بولمىغانلارمۇ بىردەك قارشى ئېلىنىدىكەن.

مەنزىلى:
http://pal.muxlim.com/

يوللىغان Izbas -دە 13، December، Saturday @ 17:22:36 MST (2237 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | نومۇر: 5)

 «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر» 30 ياشقا كىردى...

Izdiyariھەر كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى كەچ سائەت 5 تە بېرىلىدىغان مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر» پىروگراممىسىنى كۆرۈدىغانلار دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ بولۇپ، بۇ پروگرامما 1978-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان، بۈگۈن نەق 30 ياشقا كىردى.
مەزكۇر سەھىپە 1982-يىلى 1-سىنتەبىردىن باشلاپ، پەۋقۇلئاددە چوڭ سىياسىي خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىدىغان ۋە ئاشكارىلايدىغان مەخسۇس پىروگرامما قىلىپ بېكىتىلگەن. 1991- يىلى 1- سىنتەبىردىن باشلاپ، مەزكۇر پىروگرامما سۈنئىي ھەمرادىن تارقىتىلىپ، پۈتۈن يەرشارىنى قاپلىغان.
مەزكۇر پىروگرامما جوڭگو ۋە خەلقئارادىمۇ يۇقۇرى ئىناۋەتكە ئىگە بولۇپ، دېكتورلىرى «دۆلەت زۇۋانى» دەپ تەرپلىنىدۇ. ئۇلار چاچ پاسونىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈنمۇ يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ تەستىقىنى ئالىدۇ.

يوللىغان Izbas -دە 01، January، Tuesday @ 13:25:49 MST (1168 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | نومۇر: 0)

 UKIJ نىڭ يېڭى نىزامنامىسى ئېلان قىلىندى...

Izdiyariئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلىمى جەمئىيتىنىڭ (UKIJ) كونا نىزامنامىسى دائىمىي ئەزالارنىڭ ئاۋازىغا قويۇلۇپ، تۈزىتىلگەندىن كىيىن يېڭىدىن بەزى مەزمۇنلار تولۇقلىنىپ، قايتىدىن ئىلان قىلىندى.
نىزامنامە 4 بۆلۈم بولۇپ، تەشكىلات نامى، مەقسىدى، نىشانى، خاراكتىرى، ئەزالار ۋە دائىمىي ئەزالارنىڭ ھوقۇق-بۇرچلىرى، ھەرقايسى بۆلۈملەرنىڭ فۇنكىتسىيىسى، كىرىم-چىقىم ۋە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر... قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەپسىلاتى تۆۋەندىكى مەنزىلدە:
http://www.ukij.org/html/nizam.htm

يوللىغان Izbas -دە 21، October، Sunday @ 07:25:27 MDT (1325 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | 26586 بايت قالدى | نومۇر: 0)

 قازاقىستاندا ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى...

Izdiyariئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، قازاقىستاندىن ئىبارەت ئىقتىسادى تەرەققىي قىلمىغان دەپ قارالغان بۇ دۆلەتتە ئىنتېرنېت مۇلازىمىتىدىن بەھرلىنىش غايەت مۈشكىلات ئىكەن. مۇتلەق كۆپ قىسىم تورغا چىققۇچىلار ( ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 4% ) دۆلەت ئىگىلىكىدىكى Kazakhtelecom ئارقىلىق چىقىدىغان بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 399$ بولغان بۇ دۆلەتتە ئايلىق چەكلىمىسىز نومۇر بۇراپ تورغا چىقىش ھەققى 111$، ئايلىق DSL(1.5Mbps ) ئۇلىنىشىغا 3355$ تۆلەيدىكەن. ناۋادا 6Mbps لىق مۇلازىمەتتىن بەھىرلەنمەكچى بولسىڭىز ئايلىقىغا 22032$ كېتىدىكەن... بۇ ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭكىدىن 1000 ھەسسە قىممەت دېگەنلىك.

يوللىغان Izbas -دە 28، July، Saturday @ 10:20:38 MDT (1015 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | نومۇر: 5)

 جوڭگو «دۇنيا بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى شەرتنامىسى» غا قوشۇلدى...

Izdiyariمۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە « دۇنيا بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى شەرتنامىسى » ۋە « دۇنيا بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى كونسېرت،ئۈن-سىن بۇيۇملىرى مەھسۇلاتلىرى شەرتنامىسى » بۈگۈندىن باشلاپ جوڭگودا رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.
بۇ شەرتنامىلەر 1996-يىلى 12- ئايدا دۇنيا بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى تەرىپىدىن ماقۇللانغان بولۇپ، 2002-يىلى 6-مارت رەسمىي يولغا قويۇلغان، جوڭگو ھۆكۈمىتى شەرتنامىگە 2007- يىلى 6-مارت رەسمىي ئىلتىماس قىلغان.
مەزكۇر شەرتنامىنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى ئۇچۇر تېىنىكىسى ۋە ئالاقە تېخنىكىسى بولۇپمۇ ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى ئەقلىي بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت.
2006- يىلى 10- ئايغىچە مەزكۇر شەرتنامىگە 60 نەچچە دۆلەت ئىمزا قويغان.

يوللىغان Izbas -دە 09، June، Saturday @ 09:04:03 MDT (1257 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | نومۇر: 0)

 Fortran تىلىنىڭ ئاتىسى __ John W. Backus ئالەمدىن ئۆتتى

Izdiyari«نېۋيورك ۋاقت گېزىتى» خەۋىرى.
ۆIBM شىركىتىنىڭ پروگرامما بۆلۈمىدىكىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ Fortran تىلىنى ئىجات قىلغان مەشھۇر كومپيۇتېر ئالىمى باكۇس (John W. Backus) شەنبە كۇنى ئۆز ئويىدە 82 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
Fortran تىلى مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا ھازىرقى زامان كومپيۇتېر تىللىرىنىڭ ئاتىسى قاتارىدا ھېسابلىنىدىغان ئالىي دەرىجىلىك كومپيۇتېر تىلى بولۇپ، يۇمشاق دېتال ساھەسىدە دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە.

يوللىغان Izbas -دە 20، March، Tuesday @ 14:11:36 MDT (1124 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | نومۇر: 0)

 ئىران بىن لادېننىڭ ئوغلى سائادقا قارىتىلغا نەزەربەندنى بىكار قىلدى

Izdiyari

(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى) گىرمانىيە‹‹دۇنيا گىزىتى››نىڭ 8-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا،ئىران ئىنقىلاۋىنى قوغداش ئەترىتى7-ئاينىڭ 28-كۈنى ‹‹بازا››تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى بىن لادېننىڭ ئوغلى سائادقا قارىتىلغان نەزەربەندنى بىكار قىلغان ھەمدە ئۇنى سۈرىيە-لىۋان چىگرىسىغا ئەۋەتىپ،ئۇ يەردە تىررورلۇق تەشكىلى بازىسىنى قۇرۇپ، ئاللاھ پارتىيسى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ،ئىسرائىلىيەگە قارشى تىررورلۇق ھوجۇمى قوزغاشقا تەييارلىق كۆرگەن.


يوللىغان Tenchliq -دە 07، August، Monday @ 06:00:00 MDT (2352 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | 3860 بايت قالدى | نومۇر: 0)

 چېچەن مىلىتارىستى شامىل باسايېۋ ئۆلتۈرۈلدى

Izdiyari2006.07.10 رۇسىيە دائىرىلىرى چېچەن مىللىتارىستى شامىل باسايېۋنىڭ رۇسىيە ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن جەنۇبىي ئىنگۇشىيىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە فېدىرال دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىكولاي پاترۇشېۋ دۈشەنبە كۈنى پرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ، شامىل باسايېۋنىڭ رۇسىيە ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق كەچلىك ھۇجۇمدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى دوكلات قىلغان. باسايېۋ، 2004 - يىلى شىمالىي ئوسسىتىيىنىڭ بېسلان شەھىرىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋە مەكتەپتىكى مۇتلەق كۆپچىلىكى ئۆسمۈرلەرنى ئاساس قىلغان 300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قانلىق پاجىئەگە مەسئۇل بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.

يوللىغان Tenchliq -دە 11، July، Tuesday @ 06:00:00 MDT (2136 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | 2504 بايت قالدى | نومۇر: 0)

 ئەل زەرقاۋىنىڭ ئۆلۈمى پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى خۇش قىلدى

Izdiyari ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 8 ‏- ئىيۇن كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئىراق يېڭى ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ : " ئەل زەرقاۋىنىڭ ئۆلگەن كۈنى ، ئىراق خەلقى ئۈچۈن بىر قۇتلۇق كۈن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، گەرچە ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئىراقتا قارشىلىق كۆرسەتكۈچى دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ تامامەن يوقالغانلىقىدىن دېرەك بەرمىسىمۇ، بىراق بۇ ئىراق ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ قەددىنى كۆتەردى" دېدى . بۇ ئارىدا ئامېرىكا پرىزىدېنتى جورج بۇش ۋە ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى توني بلەيېر شۇنىڭدەك ھەر قايسى ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرى بىردەك ھالدا ، ئامېرىكا ، ئەنگىلىيە ھەمدە ئىراقتىكى بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ئىراق يېڭى ھۆكۈمىتىگە بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە يېقىندىن ھەمكارلاشقانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يوللىغان Tenchliq -دە 10، June، Saturday @ 06:00:00 MDT (2127 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | 1983 بايت قالدى | نومۇر: 0)

 خوتەن ناھىيسىدە H5NI تىپلىق ئۆي قۇشلىرى زۇكۇمى بايقالدى

Izdiyariتەڭرىتاغ تورى خەۋىرى:موخبىرىمىز دوڭ جۈن 6-ئاينىڭ 7- كۈنى دىھقانچىلىق مىنىستىرلىگى ئاخپارات ئىشخانىسىدىن ئىگەللىگەن خەۋەردىن قارىغاندا،6 -ئاينىڭ 4-كۆنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھايۋاناتلاركىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە نازارەت قىلىش باش پونكىتى ھايۋانات كىسەللىكلىرىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش جەريانىدا،خوتەن ناھىيسى بوزاق يىزىسى تاشئېرىق دىھقانچىلىق مەيدانىدا بىر باقمىچى ئائىلىنىڭ ئۆي قۇشلىرى سەۋەبى ئېنىقسىزلا ئۆلۈپ تۈگىگەنلىگى ئەھۋالىنى بايقىغان ھەمدە كىسەللىككە ئائىت ماتىرىياللارنى دۆلەت ئۆي قۇشلىرى زۇكۇمى تەجرىبەخانىسىگە يوللىغان. دۆلەت ئۆي قۇشلىرى زۇكۇمى تەجرىبەخانىسى تەكشۈرۈش ۋە تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق بۇ خىل كىسەللىك دىئاگنۇزىنى « H5NI تىپلىق ئۆي قۇشلىرى زۇكۇمى »دەپ بېكىتتى.

يوللىغان Tenchliq -دە 09، June، Friday @ 07:04:05 MDT (2165 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | نومۇر: 0)

 تۇرپان كارىزىنىڭ يېشى 500 يىل «چوڭلىدى» ...

Izdiyariشىنىخۇا تورىنىڭ 29-ماي ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا تۇرپاننىڭ يالقۇنتاغ بەش غار جىلغىسىدىكى مىڭ ئۆي خارابىسىدىن ئۇزۇنلىغى 18.5 مېتىر كېلىدىغان بىر كارىز بايقالغان . خارابىلىقنىڭ يىل دەۋرى بويىچە ھىساپلىغاندا مەزكۇر كارىز مىلادى 10-11ئەسىرلەر ئارىلىقىدا كولانغان بولۇشى كېرەك . ئىلىم ساھەسىدە كارىز 2000 يىل بۇرۇن بارلىققا كەلگەن دەپ قارىلىدۇ ، مەزكۇر كارىز بايقىلىشتىن بۇرۇن شىنجاڭدا بار بولغان 600نەچچە كارىزنىڭ ئەڭ «قېرىسى» 500 يىللىق ئىدى . بۇ كارىزنىڭ بايقىلىشى شىنجاڭدا ساقلىنىپ قالغان كارىزلارنىڭ «ئۆمۈرىنى» 500 يىل ئۇزارتىۋەتتى .

يوللىغان menggutash -دە 30، May، Tuesday @ 17:35:00 MDT (1916 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | 1253 بايت قالدى | نومۇر: 0)

 Windows Vista ۋە DirectX 10 ھەققىدە خەۋەر

IzdiyariDirectX 10 تەتقىق قىلىنىشقا باشلىغاندىن باشلاپلا ، كەسپىي ساھەدە ئۇ WindowsXPنى قوللىمايدۇ دىگەن گەپلەر ئېقىپ يۇرگەن ئىدى ، يېقىندا ATI ۋە مىكروسوفتتىن كەلگەن خەۋەرلەر بۇنى ئېنىق ئىسپاتلىدى . لوندوندا ئۆتۆۈزۈلگەن بىر قېتىملىق DirectX 10 يىغىنىدا ، ATIنىڭ يۇمشاق دېتال تەتقىقات بولۈمىنىدىن Richard Huddyمۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى : مىكروسوفتنىڭ كېيىنكى ئەۋلات مەشغۇلات سېستىمىسى WindowsVista سېستىما ئىچىگە DirectX 10 ۋە DirectX 9 APIنى مۇجەسسەملىگەن بولۇپ ، كەلگۈسىدىكى ئوخشاش بولمىغان گرپىك قاتتاق دېتاللىرىغا ماسلاشتۇرۇلىدۇ ، ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا Windows Vista سېستىمىسى كېيىنكى ئەۋلات GPUلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ . بۇنىڭ بىلەن بىللە مىكروسوفت يەنە DirectX 10 پەقەت Vista قۇرۇلمىسى ئىچىگىلا قاتتىق كونتۇرول قىلىدۇ ، Windows XP نۇسقىسىنى تارقاتمايدۇ .

يوللىغان Teshna -دە 30، May، Tuesday @ 06:00:00 MDT (2252 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | 2302 بايت قالدى | نومۇر: 5)

 پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

Izdiyari

11-ئاپرېل چۈشتىن كىيىن كاراچىدىكى بىر دىنىي يىغىلىش مەيدانىدا پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بەردى. پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئىسپاتلىشىچە،پارتىلاشتا 55كىشى قازا قىلغان. 100دىن ئارتۇق كىشى يارلانغان. 11-ئاپرېل،ئىسلام دىننىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ دۇنياغا كەلگەن كۈنى بولۇپ، بۇ كۈنى پاكىستان پۇقرالارنى بىر كۈنلۈك دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرگەن. پارتىلاش يۈز بەرگەن ۋاقىتتا نەچچە يۈز كىشى كاراچىدىكى بىر باغچىدا دىنىي يىغىلىش قىلىۋاتقان ئىكەن. (تەڭرىتاغ تورى)


يوللىغان Tenchliq -دە 13، April، Thursday @ 06:00:00 MDT (1787 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | نومۇر: 0)

 دۆلەت مەمۇرلۇق يازما ئىمتىھانى ئەتە باشلىنىدۇ٢

Izdiyariشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار ئىمتىھان مەركىزى 2006-يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق يازما ئىمتىھاننىڭ 8-،9-ئاپرېل كۈنلىرى ئېلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى. ئىگىلىنىشچە،بۇ ئىمتىھانغا 33مىڭ 920ئادەم تىزىملاتقان بولۇپ، ئۈرۈمچى، كۈيتۈڭ شەھەرلىرىدە ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان. 9 -ئاپرېل كەسپىي-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ 2006-يىللىق چەتئەل تىلى ئۇنۋان(خەنزۇ تىلى)ئىمتىھانىمۇ ئىككى مەيدان ئېلىنىدۇ.1 -مەيدان دۆلەت دەرىجىلىك ئىمتىھان،2 -مەيدان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىمتىھان بولۇپ، ئىككى مەيدان ئىمتىھاننىڭ سۇئالى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن بىر تۇتاش چىقىرىلىپ،بىر تۇتاش نومۇر قويۇلىدۇ. ئىگىلىنىشچە، بۇ ئىمتىھانغا 35مىڭ17ئادەم تىزىملاتقان بولۇپ، 15ۋىلايەت ،ئوبلاسىت، شەھەردە 17ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان. بۇ ئىمتىھان شەھىرىمىزدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنھەركەت مەكتىپى بىلەن شەھەرلىك 12-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئېلىنىدىكەن.(تەڭرىتاغ تورى)

يوللىغان Tenchliq -دە 07، April، Friday @ 06:00:00 MDT (1955 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | نومۇر: 0)





Web site powered by Izdiyari Website group

新ICP备05002420号

مەزكۇر بەتتىكى بارلىق پۈتۈك ۋە رەسىملەر پۈتۈك ئىگىلىرى ۋە ئىزدىيارى تور بېتىگە مەنسۇپ. ئىشلەتكۈچىلەر چوقۇم ئەسكەرتىپ ئىشلىتىشى كېرەك .© 2008-2004 Izdiyari.
Xetler normal körünmise ni chüshürüp yükleng we Internet Explorer ni qayta qozghiting.
PageRank
PHP-Nuke Copyright © 2005 by Francisco Burzi. This is free software, and you may redistribute it under the GPL. PHP-Nuke comes with absolutely no warranty, for details, see the license.
بەت ھاسىلە: 0.17 سېكوند