| ئالدىنقى تېما :: كېيىنكى تېما |
| ئاپتور |
مەسېج |
Shayatun شەمشەرۋاز


تىزىملاتقان ۋاقىت : Mar 19, 2004 يېزىلمىلار : 86
|
ئارخىپ : پەي ئىيۇل 20, 2006 9:33 pm ماۋزۇ : يېرىم كېچىدە تورغا چىقىدىغان ئاياللار.... |
|
|
..................
تورغا چىقىدىغان ئاياللارنىڭ ئىچىدە خىزمەت ئېھتىياجى ياكى پەقەت قىززىق بىلىنىپ چىقىدىغانلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۆپ قىسمىنىڭ ئازدۇر- كۆپتۇر يۈرەك سىرلىرى بولىدۇ. بولۇپمۇ دائىم يېرىم كېچىدە تورغا چىقىدىغان ئاياللارنىڭ ھېچكىمگە تىنمىغان غېرىپ سىرلىرى تېخىمۇ كۆپتۇر.
......................
بۇ خىلدىكى ئاياللارنىڭ بەكمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىشى ناتايىن... بەلكىم ئۆزى تەسەللىي تاپقۇدەك، ئىشەنگۈدەك چىرايى بولۇشىمۇ مۈمكىن. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇلار نازۇك ھېسسىياتلارغا باي كېلىدۇ. رېئال تۇرمۇشتا ئۇلار بەلكىم ئازدۇر - كۆپتۇر نەتىجە قازانغان بولۇشى، تەڭتۇشلىرى ئارىسىدا شەرەندازلاردىن بولۇشى، باشقىلارنىڭ نەزىرىدە قابىل ئايال سانالغانلار بولۇشى مۈمكىن. دوستلىرى ئارىسىدا ئۇلار قولىدىن ھەممە ئىش كېلىدىغان، يۈز- ئابرويلۇق ئاياللاردىن بولۇشى مۈمكىن. قارىماققا ئۇلار تۇرمۇشتا قەيسەر ئاياللار قاتارىدا سانىلىپ، قۇياش نۇرى ئاستىدا مەيدىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان ئاياللار بولۇشى مۈمكىن.
............................
پەقەت يېرىم كېچە بولۇپ، جاھان تىمتاسلىققا چۆككەندىلا.... ئۇلار ھارغىن ھالدا، ئەينەكتىكى خىرە چىرايىغا ئۇھسىنىپ قاراپ، ئۈستىدىكى «قەيسەر » لىك كىيىملىرىنى يېشىپ، ئېكران ئالدىدا، كۇنۇبكا تاختىسىغا قاراپ، تورغا... توردىكى ئىرماش- چىرماش ناتونۇش ئىسىملارغا ئۆزىنىڭ يۈرەك سىرلىرىنى... غېرىپ تۇيغۇلىرىنى تۆكۈشكە باشلايدۇ.
.....................
ئۇلار شۇنداق نازۇككىن... نۇرغۇن كىشىلەر چۈشىنىپ بولالمايدۇ. ئۇلارنىڭ تۆككەن ياشلارنى بەلكىم ھېچكىم كۆرمىگەن بولۇشى مۈمكىن. ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى شۇنچىلىك كۈچلۈك بولسىمۇ بەلكىم باشقىلار ھېس قىلمىغان بولۇشى مۈمكىن.
..........
ئەمما.... ئۇلار قەلب دەرۋازىسىنى ئىشىكلىرىنى ساڭا ئاچقان چېغىدا، سەن شۇنچىۋالا قەيسەرلىكنىڭ تېگىدە شۇنچىۋالا ئاجىز، دەرتلىك يۈرەكلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى قاتتىق ھەيرانلىق ئىچىدە بايقايسەن... سەن ئۆزەڭنى تۇتۇۋالالمىغان ھالدا.. ئۇلارغا كۆيۈنىسەن... ئىللىق مېھرىڭنى بېرىسەن... ئۇنى ئۆزەڭمۇ ھېس قىلمىغان ھالدا ھىمايا قىلغۇڭ كېلىدىغان بولۇپ قالىسەن....
.............
شۇنىڭ بىلەن سەن... ئېھتىيات بىلەن، ئۇلار بىخەتەر ھېس قىلغۇدەك مەلۇم ئارىلىقنى ساقلاپ، ئۇلارغا خوشاللىق ئاتا قىلىشقا ... ئۇزۇن كېچىلەردە ئۇلارنى غېرىپلىق ھېس قىلدۇرماسلىققا تىرىشىسەن...
.................
..........
يېرىم كېچىدە تورغا چىققان ئاياللار يىگانە ھېس- تۇيغۇلارنىڭ، نۇرغۇن ھېكايىلەرنىڭ ئىگىسىدۇر. ئۇلار رېستۇران، قاۋاقخانىلارغا بېرىپمۇ كەتمەيدۇ... ئالا-يېشىل چىراقلار، ئەسەبىي مۇزىكىلار بىلەن ئىچىنى بوشىتىشنى خالىمايدۇ. ئۇلار سۈنئىي ئىچ ئاغرىتىشلارغا ئەمەس ھەقىقىي دوستلۇققا مۇھتاج. شۇڭلاشقا ئۇلار بېكىنىۋېلىشنى تاللىغان. ئۇلار پۈتۈن قەلب سىرلىرىنى تورغا.... ئىرماش- چىرماش قۇرلار ئارىسىغا تۆكۈۋېتىپ، ئاندىن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ھايات مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلاردۇر.
.....................
........
**********************************
شاياتۇن تەرجىمىسى
مەنبەئەسى: تور |
|
| چوققىغا قايتىش |
|
 |
Sepra نەيزىۋاز


تىزىملاتقان ۋاقىت : Mar 17, 2004 يېزىلمىلار : 110
|
ئارخىپ : يەك ئىيۇل 23, 2006 8:59 am ماۋزۇ : |
|
|
سەن يازغاندەكلا ياخشى چىقىپتۇ ~ مۇنداقلا دەپ قوياي: ئۇلار تەسەللىنى نىمە ئۈچۈن يولداشلىرىدىن ئىزدىمەيدۇ ؟ ياكى ھەممىسى تۇل ياكى «قېرى قىز»لارمۇ ؟! |
|
| چوققىغا قايتىش |
|
 |
Teshna ۋەزىر


تىزىملاتقان ۋاقىت : Mar 27, 2004 يېزىلمىلار : 551 ئورنى : كورلا
|
ئارخىپ : پەي ئىيۇل 27, 2006 8:01 am ماۋزۇ : |
|
|
شاياتۇن نىمىلا دىگەن بىلەن شاياتۇندە ! خۇددۇىي ئاياللارنىڭ يۈرىكىگە كىرىپ چىققاندەكلا يېزىپسەن ! _________________ ياشلىقتا ئىزدەن ، قىرانلىقتا ئويلان ، ئارىفلىقتا ئىز قالدۇر ... ئەمما بۇ ئىزلار ئەلۋەتتە ياشلىقتىن باشلانغان بولىدۇ ... |
|
| چوققىغا قايتىش |
|
 |
Shayatun شەمشەرۋاز


تىزىملاتقان ۋاقىت : Mar 19, 2004 يېزىلمىلار : 86
|
ئارخىپ : پەي ئىيۇل 27, 2006 2:57 pm ماۋزۇ : ھەييي... |
|
|
| Sepra مۇنداق يازغان : | سەن يازغاندەكلا ياخشى چىقىپتۇ ~ مۇنداقلا دەپ قوياي: ئۇلار تەسەللىنى نىمە ئۈچۈن يولداشلىرىدىن ئىزدىمەيدۇ ؟ ياكى ھەممىسى تۇل ياكى «قېرى قىز»لارمۇ ؟! |
بۇنى مەن يازمىدىم....
نېمە ئۈچۈن ئۇ ئاياللار تەسەللىينى ئۆزىنىڭ قەدىناس ئەرلىرىدىن ئىزدىمەيدۇ؟
بۇ ھەقىقەتەن ئويلانغۇدەك سۇئال.
بەلكىم ھەممە ئەرلەر ساڭا ئوخشاش ئاياللىرىنىڭ نازۇك ھېسسىياتلىرىنى بايقاشقا ماھىر بولماسلىقى مۈمكىن، ياكى بايقىسىمۇ كۈلۈپ قويۇپلا «كىچىك بالىدەك.....» دەپ ئۆتكۈزىۋەتكەن بولۇشى مۈمكىن.
ئاياللارنى ئىچى تارراق دەيمىز... ئەمما ياخشى ئاياللار سېنىڭ قىلدەك ئارتۇقچىلىقىڭدىن رازى بولۇپ، تاغدەك كەمچىلىكىڭنى كەچۈرىۋېتىلەيدۇ، ھەم شۇ ئارتۇقچىلىقىڭنى دەپ ئۆمۈر بويى سېنىڭ خىزمىتىڭنى قىلىشقا رازى بولۇشى مۈمكىن. ئەرلەرچۇ؟ كىچىككىنە كەمچىلىكنى دەپ ئاياللارنى مەسخىرە قىلىشقا ئامراق... «خوتۇننى ماختىغان بىرىنجى ئەخمەق » دېگەن گەپكە ئېسىلىۋېلىپ... بىرەر ئېغىز ماختاپمۇ قويمايدۇ.
مەھەللىدە كۈندە دېگۈدەك ئېرىنىڭ تايىقىنى يەپ تۇرۇپمۇ، يەنە بىر ئايال بىلەن گەپ تالىشىپ قېلىپ، « مېنىڭ ئېرىمچـــــــۇ، ئاشۇنداق ئاچچىقىمۇ بار، تاتلىقىمۇ بار..ھەقىقىي ئەركەك...» دەۋاتقىنىنى ئاڭلىغن ئىدىم.... ئەجەبا ئۇ شۇنچە داۋىخورمۇ؟ مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس.....
ئادولف ھىتلېرمىكىن بىرى « دۇنيانى بويسۇندۇرماق تەس ئەمەس، ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى بويسۇندۇرماق تەس» دەپتىكەنمىش. ئايالىڭنىڭ كۆڭلىنى ئالالمىساڭ، ئۇ سېنىڭ بوينۇڭغا گىرە سېلىپ تۇرۇپ، خىيالىدىكى باشقا بىر غايىۋىي ئەرنى ئويلاپ ياتسا.... ئۇنىڭغا سەن نېمە دىيەلەيتىڭ؟ گەپنىڭ قىسقىسى ئاياللارنىڭ كۆڭلى فىزىئولوگىيەلىك ئېھتىياجنى قاندۇرۇش بىلەنلا كۇپايىلەنمەيدۇ.
.......... ھەي دېسەك گەپ تولا.... نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش تەس.
..... مەن ئاشۇنداق غېرىپ ئايال... دەپ ھەممىسى قارا-قويۇق يېرىم كېچىدە تورغا كىرىۋېلىپ... ئۇيقۇسىز قويمىسىلا شۈكرى دەيلى...  |
|
| چوققىغا قايتىش |
|
 |
Teshna ۋەزىر


تىزىملاتقان ۋاقىت : Mar 27, 2004 يېزىلمىلار : 551 ئورنى : كورلا
|
ئارخىپ : پەي ئىيۇل 27, 2006 11:41 pm ماۋزۇ : |
|
|
«يېرىم كېچىدە تورغا چىقىدىغان ئەرلەر» دەپ بىر نەرسە بارمىدۇ يانا ؟ بولسا كۆرسەك بولاتتى ... _________________ ياشلىقتا ئىزدەن ، قىرانلىقتا ئويلان ، ئارىفلىقتا ئىز قالدۇر ... ئەمما بۇ ئىزلار ئەلۋەتتە ياشلىقتىن باشلانغان بولىدۇ ... |
|
| چوققىغا قايتىش |
|
 |
كۈمۈش پىيادە


تىزىملاتقان ۋاقىت : Apr 11, 2006 يېزىلمىلار : 44
|
ئارخىپ : دۈس ئىيۇل 31, 2006 3:12 pm ماۋزۇ : |
|
|
| ئاياللارنىڭ تورغا چىقىشى ئاسان ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىدە! كۈندۈزى شۇنچە جىق ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ كىچىدە تورغا چىقىشقا نەدىكى قۇۋۋەت؟ شۇڭا بۇنداق ئاياللار مۇرەككەپرەك بولىشى مۇمكىن. لىكىن ئەرلەر ئۈچۈن بۇنداق جىق مەسىلىلەر يۇق. شۇڭا ئۇلارنى بۇنداق ئالاھىدە تەھلىل قىلىشنىڭ ئورنى يۇق. ھەم ئۇلارنى باشقۇرىدىغان باشقا ئادەممۇ يۇق! |
|
| چوققىغا قايتىش |
|
 |
Subhi شەمشەرۋاز


تىزىملاتقان ۋاقىت : Mar 01, 2005 يېزىلمىلار : 70
|
ئارخىپ : شە ئاۋگ 26, 2006 4:51 pm ماۋزۇ : |
|
|
ھەييييييييييييي
يېرىم كېچىدە تورغا چىقىدىغان ئاياللار. . .
شۇ ئاياللارنىڭ كۈندۈزى تورغا چىقىپ ئولتۇرغۇدەك ۋاقتى بولغان بولسا نىمە قىلىدۇ كېچىلىرى تورغا چىقىپ، لېكىنزە مۇشۇ ئېنتىرنېت بارلىققا كەلمىگەندە قانداق قىلغان بولغۇيتى شۇ ئاياللار ھە؟ ئۇزۇن كېچىلەرنى تورۇشقا تىكىلىپ، لىم بىلەن چەنزە ساناپ ئۆتكۈزگەن بولغۇيمىدى دەيمەن؟ . . . |
|
| چوققىغا قايتىش |
|
 |
Sepra نەيزىۋاز


تىزىملاتقان ۋاقىت : Mar 17, 2004 يېزىلمىلار : 110
|
ئارخىپ : پەي نوي 12, 2009 7:33 am ماۋزۇ : |
|
|
مانا ئەمدى يېرىم كېچە تۇرماق كۈندۈزدىمۇ تورغا چىقىدىغان (چىقالايدىغان !؟) ئاياللارمۇ يوق ، ئەرلەرمۇ يوق ... قاچان ئېچىلار بۇ ئىتېرنېتنىڭ تۈرمىسى ... _________________ قېلىچىڭ قىسقا بولسا ئالدىڭغا بىر قەدەم چامدا ! |
|
| چوققىغا قايتىش |
|
 |
aysiri پىيادە


تىزىملاتقان ۋاقىت : Nov 10, 2009 يېزىلمىلار : 8
|
ئارخىپ : پەي نوي 12, 2009 6:10 pm ماۋزۇ : |
|
|
ئۇف ، ھەجەپ تەستە ئوقۇدۇم !!!
مەن دېسەم ، چەتئەلدە توردىشى بار ئاياللارمۇ يېرىم كېچىدە تورغا چىقىشقا ئامراق كېلىدۇ ...  |
|
| چوققىغا قايتىش |
|
 |
Tenchliq لەشكەر بېشى


تىزىملاتقان ۋاقىت : Mar 21, 2004 يېزىلمىلار : 312 ئورنى : كورلا
|
ئارخىپ : جۈم نوي 13, 2009 4:44 pm ماۋزۇ : ... |
|
|
بەلەن گەپ... _________________ ئىز بار، كەينىدە ئادەم يوق...ئىزلېرىمنى ئىزلاردىن ئىزدەيمەن، ئەنە شۇنداق بۈيۈك ئىزلارنى قالدۇرۇشقا... |
|
| چوققىغا قايتىش |
|
 |
aysiri پىيادە


تىزىملاتقان ۋاقىت : Nov 10, 2009 يېزىلمىلار : 8
|
ئارخىپ : جۈم نوي 13, 2009 4:51 pm ماۋزۇ : Re: ... |
|
|
| Tenchliq مۇنداق يازغان : | | بەلەن گەپ... |
مېنىڭ چەتئەلدە سىزدىن باشقا توردىشىم يوق ...  |
|
| چوققىغا قايتىش |
|
 |
|