 |
| ياردەم |  |
| كونا خەۋەرلەر |  |
| زىيارەتچىلىرىمىز |  |
| مۇنبەر يېتەكچىسى |  |
| تەۋسىيەلەر |  |
| دوستانە ئۇلىنىشلار |  |

********************************





| |
| بىلىك تېمىلىرى |  |
|  |
ئىزدىيارى :: تېما كۆرۈش - ئاۋازلىق ئوقيا
| ئالدىنقى تېما :: كېيىنكى تېما |
| ئاپتور |
مەسېج |
Teshna ۋەزىر


تىزىملاتقان ۋاقىت : Mar 27, 2004 يېزىلمىلار : 551 ئورنى : كورلا
|
ئارخىپ : يەك فېۋ 10, 2008 3:37 pm ماۋزۇ : ئاۋازلىق ئوقيا |
|
|
...
«ئەگەر ... ئەگەردە ... مەن ئاتقان يا ئوقدىن ئاۋاز چىقسا، بۇ ئاۋازنى ھەمما ئاڭلىسا، مېنىڭ نېمىنى نىشانلاپ، كىمگە قارىتىپ ئاتقىنىمنى بىلسە، ئاندىن ماڭا ئەگەشسە، بويسۇنسا ... مەن ئۇلارنى ئۇلۇغ يۈرۈشلەرگە ، قايناق جەڭلەرگە باشلىسام !... يا ئوقىنى ئاۋازلىق قىلىپ ياسىلغىلى بولماسمۇ ...»
... ...
شۇ تەرزدە ئارىدىن ھەپتە-ئون كۈن ئۆتۈپ كەتتى. چوڭ كۆك چېدىردىكىلەر، يۇرتۇغ بارگاھىدىكىلەر «باتۇرغا نىمە بولغاندۇر ؟ ئۇنىڭغا بىرنىمە بولۇپ قالمىغىدىي » دەپ ئەنسىرىشىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، ئۇ بىر تال ئوق بىلەن ياسىنى كۆتۈرۈپ ئاخىرى چېدىردىن چىقتى ، ئاندىن ياغا ئوقنى بەتلەپ ، بىر ئوقتام نېرىدىكى باشقا بىر چېدىرنىڭ ئالدىدا باغلاقلىق تۇرغان بىر ئاتنى قارىغا ئېلىپ ئاتتى. «ۋىڭ ، ۋىڭ ، ۋىڭ ... » ئاۋاز چىقىرىپ بېرىپ ھېلىقى ئاتنىڭ كۆكسىگە سانجىلدى ، ئات قاتتىق كىشنەپ ئالدى پۇتلىرىنى كۆتىرىپ بىر چاپچىپ گۈپپىدە يىقىلدى . باتۇر بولسا خۇشاللىقىدىن سەكرەپ ۋاقىراپ كەتتى . ئەتراپتىكىلەر «ۋىڭ، ۋىڭ، ۋىڭ ... » قىلغان ئاۋازنى ئاڭلىدى. ئاتنىڭ يىقىلغىنىنى، باتۇرنىڭ سەكروپ ۋاقىرىغىنىنى كۆردى. بىراق بۇنىڭ قانداق ئىشلىقىنى، ۋىڭلداپ ئاۋاز چىققان نەرسىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەلمىدى.
... ...
«ۋىڭ، ۋىڭ، ۋىڭ! ...»«بۇ ئاۋاز بەك ئىنچىكە بەك ئاجىزمۇ نېمە ؟ ئۇنى كۈچەيتكىلى، ياڭراتقىلى بولماسمۇ؟ ...» ئۇ چېدىرغا قايتىپ كىرىپ، يەنە ئوقلار بىلەن ھەپىلەشكىلى تۇردى. ئۇ يا ئوقىنىڭ ئۇچىغا، ئۇچلانغان ياغاچ بىلەن تۆمۈر باشاق ئارلىقىغا ئوغلاقنىڭ ، قوزىنىڭ ، بۆرنىڭ پايخون (پاچاق) سۆڭىكىنى بېكىتىپ، ئاندىن سۆڭەكنىڭ تەبىئىي نەيچىسىگە قۇچقاچنىڭ كۆزىدەك تۆشۈك ئاچقان ئىدى. ئوق ئېتىلغاندا چىققان ئاۋاز ئەنە شۇ يەردىن چىقاتتى. بۇنداق قىلىشتا ، ئاۋازلىق ئوقيانى كەشىپ قىلىشتا، ئۇ قەدىمكى ھون چالغۇلىرىدىن بىرى بولغان يالغۇزەكتىن ئىلھام ئالغانىدى. «ئەگەر تۆشۈكچىسىنى چوڭايتسام ياكى كۆپەيتسەم ، ئاۋازى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ياڭراق چىقماسمۇ ؟ ئوقنى تېخىمۇ كۈچ بىلەن ئاتسام ، ئۇنىڭ ئاۋازى تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن ...» ئۇ تۆشۈكنى كەپتەرنىڭ كۆزىدەك چوڭايتتى. ئاستىغا كىچىكرەك تۆشۈكتىن يەنە بىرنى ئاچتى . ئاندىن يېڭى ئوقنى ئاچىقىپ كۆككە قارىتىپ ئۈزدى . «ۋىڭ، ۋىڭ، ۋىڭ ...» بۇ قېتىم ئوقنىڭ ئاۋازى تۆر ئاۋۇل ئاسمىنىدا تېخىمۇ كۈچلۈك ، ئۇزاققىچە ياڭرىدى .
... ...
_ بۈگۈن تۇنجى ئوۋنى باشلايمىز ! كۈچ ماھارىتىمىزنى سىناپ كۆرىمىز ! _ دىدى ئۇ ئۇلارغا ئورماندىكى شىردەك ھۆكىرەپ تۇرۇپ ، _بۇ بىز ھون چەۋەندازلىرى ئۈچۈن ئوۋ قىلىش_جەڭ قىلىش دىمەكتۇر، شۇڭا ئالدىنئالا نىشان بېكىتىپ، دائىرىنى بەلگىلەپ بىر تۇتاش، تەرتىپلىك ئاتلىنىمىز . ئاتلانغاندا ، ھۇجۇمغا ئۆتكەندە مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا بىردەك قەتئىي بويسۇنۇسىلەر ! خىلاپلىق قىلغۇچىلار قاتتىق جازالىنىدۇ ! ...
ئاندىن ئۇ يېڭىدىن ئىختىرا قىلغان چوڭ ئاق كىرىچلىق يا بىلەن ئۇچىغا تۆشۈكلۈك پايخۇن سوڭەك بېكىتىلىپ ، تۆمۈر باشاق كىيدۈرۈلگەن، قۇيرۇقىغا لاچىن پېيى قىستۇرۇلغان ئاۋازلىق ئوقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يەنە ۋاقىرىدى :
_مانا بۇ مەن يېڭىدىن ياساپ چىققان ئاۋازلىق ئوق. بۇنىڭدىن كېيىن مەن ئوۋ-سوقۇشلاردا سىلەرگە مانا مۇشۇنداق ئاۋازلىق ئوقيا ئارقىلىق بۇيرۇق قىلىمەن. مەن ئۇنى قەيەرگە، نېمىگە ئاتسام سىلەرمۇ شۇ يەرگە ، شۇ نەرسىگە قارىتىپ ئوق ئۈزۈسىلەر. تېڭىرقىمايسىلەر، توختاپ قالمايسىلەر! بۇ ھون ئاتلىق قوشۇنىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئوۋ قىلىش_جەڭ قىلىش ئۇسۇلى ! ئەگەر كىمكى بۇ بۇيرۇققا بويسۇنمىسا ، ھەتتا مەن ئوق ئاتقاندا ئازراقلا ئارقىدا قېلىپ ، سەۋەنلىك سادىر قىلىپ، مەن ئاتقان نىشانغا ۋاقتىدا ئوق ئۈزۈپ ئۈلگۈرمىسە ، شۇنىڭ كاللىسى ئېلىنىدۇ . شۇنداق قىلغۇچىلەرنى، ئاڭقاۋلارنى قولۇمدىكى مۇنۇ بوكتا بىلەن قىلچە ئىككىلەنمەستىن ، رەھىم قىلماستىن بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلىمەن !
... ...
قوشۇن ئىلگىرلىمەكتە، ئوۋ داۋاملاشماقتا ، باتۇر ھەممىنڭ ئالدىدا كېتىپ بارماقتا ئىدى. ئۇ تورۇق ئاتنى چاپتۇرۇپ كېتىۋېتىپ، بىردىنلا ئوقياسىنى بەتلىدى-دە، سول ياندىن بىر ئوقتام نېرىدا قار ئاستىدىن چوقچىيىپ تۇرغان بىر قورام تاشقا قارىتىپ ئوق ئۈزدى. ئوق «ۋىڭ، ۋىڭ ،ۋىڭ...» ئاۋاز ياڭرىتىپ قورام تاشقا تەككۈچە ، ئۇ ئېتىنى توختىتىتپ، چەۋەندازلىرىغا نەزەر تاشلاپ ئۈلگۈردى. ئۇ ئويلىغان ئىش ئاخىرى يۈز بەردى. چەۋەندازلاردىن مۇتلەق كۆپچىلىكى ھېلىقى قورام تاشقا قاراپ ئوق ئۈزدى. لېكىن بەزىلەر «بۇنىڭ نىمە ئەھمىيىتى، ئوقنى زايە قىلىپ» دەپ قارىدىمۇ، ئوق ئۈزمىدى. يەنە بەزىلەر ھۇشيارلىقىنى يوقىتىپ قويغانچقا ھودۇقۇپ نىمە قىلارنى بىلمەي قالدى. باتۇر تۇلپارىنى چاپتۇرۇپ، بوكتاسىنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ ئېگىز كۆتۈرۈپ ، ئەنە شۇلارغا قاراپ ئېتىلدى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇلاردىن ئون نەچچىنى چېپىپ ئۆلتۈرىۋەتتى . ئۇ غەزەپتىن ھۆۆكۈرەيتتى، قۇترايتتى ، بوغۇلۇپ خاقىراپ نەپەس ئالاتتى. شۇ تۇرقى بەئەينى غەزەپلەنگەن كۆك بۆرىگە ئوخشايتتى.
9999999999999999999999999999999999999999999999999999999999999
ئادىل ئابدۇللا بەئىيار نىڭ «باتۇر تەڭرىقۇت» رومانىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى. _________________ ياشلىقتا ئىزدەن ، قىرانلىقتا ئويلان ، ئارىفلىقتا ئىز قالدۇر ... ئەمما بۇ ئىزلار ئەلۋەتتە ياشلىقتىن باشلانغان بولىدۇ ...
ئەڭ ئاخىرقى قېتىم Teshna تەرىپىدىن چا فېۋ 13, 2008 11:17 am دا ئۆزگەرتىلدى، جەمئىي 1 قېتىم ئۆزگەرتىلدى. |
|
| چوققىغا قايتىش |
|
 |
Izbas ياساۋۇل


تىزىملاتقان ۋاقىت : Mar 12, 2004 يېزىلمىلار : 267
|
ئارخىپ : دۈس فېۋ 11, 2008 5:51 pm ماۋزۇ : ھونياسى |
|
|
كىتاپتا تەسۋىرلەنگىنى بويىچە بۇ ئوقنى سىزىپ باقتىم ( توغرىسى -- سۆڭەك نەي يەنى يالغۇزەك ۋە يا ئۇچلىرىنىڭ رەسىملىرىنى تېپىپ قوراشتۇردۇم ) بىلمىدىم، بۇنىڭدىن ئاۋاز چىقامدۇ يوق
 _________________ ئىزدىسەڭ تاپارسەن...... |
|
| چوققىغا قايتىش |
|
 |
Teshna ۋەزىر


تىزىملاتقان ۋاقىت : Mar 27, 2004 يېزىلمىلار : 551 ئورنى : كورلا
|
ئارخىپ : دۈس فېۋ 11, 2008 6:50 pm ماۋزۇ : |
|
|
ھەجەپ قاملىشىپتۇ بۇ ئوق ! ئالامەت سىزىپسەن ! ئاللاھ دەرت بەرمىسۇن قولۇڭغا ! _________________ ياشلىقتا ئىزدەن ، قىرانلىقتا ئويلان ، ئارىفلىقتا ئىز قالدۇر ... ئەمما بۇ ئىزلار ئەلۋەتتە ياشلىقتىن باشلانغان بولىدۇ ... |
|
| چوققىغا قايتىش |
|
 |
|
|
بۇ سەھىپىگە يېڭى يېزىلمىلار يازالمايسىز . بۇ سەھىپىدىكى يېزىلمىلارغا جاۋاب يازالمايسىز . بۇ سەھىپىدىكى يازمىلىرىڭىزنى تەھرىرلىيەلمەيسىز . بۇ سەھىپىدىكى يازمىلىرىڭىزنى ئۆچۈرەلمەيسىز . بۇ سەھىپىدىكى راي سىناشقا ئاۋاز بېرەلمەيسىز .
|
| |
| 
|
新ICP备05002420号
مەزكۇر بەتتىكى بارلىق پۈتۈك ۋە رەسىملەر پۈتۈك ئىگىلىرى ۋە ئىزدىيارى تور بېتىگە مەنسۇپ. ئىشلەتكۈچىلەر چوقۇم ئەسكەرتىپ ئىشلىتىشى كېرەك .© 2008-2004 Izdiyari.
Xetler normal körünmise ni chüshürüp yükleng we Internet Explorer ni qayta qozghiting.

Copyright © 2005 by Francisco Burzi. This is free software, and you may redistribute it under the . PHP-Nuke comes with absolutely no warranty, for details, see the . بەت ھاسىلە: 0.46 سېكوند
|