 |
| ياردەم |  |
| كونا خەۋەرلەر |  |
| زىيارەتچىلىرىمىز |  |
| مۇنبەر يېتەكچىسى |  |
| تەۋسىيەلەر |  |
| دوستانە ئۇلىنىشلار |  |

********************************





| |
| بىلىك تېمىلىرى |  |
|  |
ئىزدىيارى :: تېما كۆرۈش - ئۇرۇشنىڭ نېرۋا تالاسى-سانلق مەلۇمات زەنجىرى
| ئالدىنقى تېما :: كېيىنكى تېما |
| ئاپتور |
مەسېج |
Sepra نەيزىۋاز


تىزىملاتقان ۋاقىت : Mar 17, 2004 يېزىلمىلار : 110
|
ئارخىپ : دۈس ماي 14, 2007 11:44 pm ماۋزۇ : ئۇرۇشنىڭ نېرۋا تالاسى-سانلق مەلۇمات زەنجىرى |
|
|
ئۇرۇشنىڭ نېرۋا تالاسى-سانلق مەلۇمات زەنجىرى
سانلىق مەلۇمات زەنجىرى بولسا يېقىنقى يىللاردىن بېرى ھەربىي خەۋەرلەردە پات-پات ئۇچرايدىغان بىر ئاتالغۇ. شۇنداقلا ھەربىي ئىشلار ھەۋەسكارلىرىنىڭ دائىملىق سۆھبەت تېمىسى. ئۇچۇرلاشقان ئۇرۇش دەۋرىدە سانلىق مەلۇمات زەنجىرى تانكا،ئۇرۇش ئايرۇپىلانى،ئۇرۇش پاراخوتلىرى قاتارلىق ئۇرۇش سۇپىلىرى بىلەن تەڭ سانىلىدىغان مۇھىم يېڭى كۈچكە ئايلاندى.
ئاجايىپ سانلىق مەلۇمات زەنجىرى
سانلىق مەلۇمات زەنجىرى تونۇش ھەم ناتونۇش سۆز. تونۇش دېيىشىمىز بۈگۈنكى ئۇرۇش خەۋەرلىرىدە بۇ ئاتالغۇنى پات-پات چېلىقتۇرۇپ تۇرىمىز ؛ ناتونۇش دېيىشىمىز كۆپىنچىلىرىمىزدە بۇ نەرسىگە نىسبەتەن ئوبرازلق چۈشەنچە كەم.
سانلىق مەلۇمات زەنجىرىنىڭ قورال-ياراقلارنىڭ ئەمەلىي ئۇرۇش ئۈنۈمدارلىغىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە قانچىلىك پايدىسى تېگىدۇ؟ بىز ئامېرىكا ئارمىيىسى ئېلان قىلغان بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتقا نەزەر سېلىپ باقايلى: F-15C كۈرەشچى ئايرۇپىلان Link16 تىپلىق سانلىق مەلۇمات زەنجىرىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن ھاۋادىكى نىشانلارنى پاچاقلاش ئۈنۈمى كۈندۈزى 2.62ھەسسە ، كېچىسى 2.6ھەسسە كۆتۈرۈلگەن ؛ "ئۇرۇش پالتىسى 4" تىپلىق چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا سانلىق مەلۇمات زەنجىرى قوشۇلغاندىن كېيىن قوش يۆنۈلۈشلۈك سانلىق خەۋەرلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ ، نىشاننى بېكىتىش ياكى ئۆزگەرتىش ۋاقتىغا پەقەت 1مىنۇتلا كېتىدىغان . باشقۇرىلىدىغان بومبا ئۇرۇش مەيدانىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا 2 سائەتكىچە چارلاپ ۋەزىپە كۈتۈپ تۇرالايدىغان ، ھۇجۇم بۇيرىقىنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن 5مىنۇت ئىچىدە رازۋېتكا سۈنئى ھەمراھى ، رازۋېتكا ئايرۇپىلانى تەمىنلىگەن نىشان مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن 3000كۇۋادىرات كىلومېتىر دائىرىدىكى ھارقانداق نىشانغا زەربە بېرەلەيدىغان بولغان .
ئەلۋەتتە ، سانلىق مەلۇمات زەنجىرىنىڭ رولى بۇلارلا ئەمەس . ئۇچۇرلاشقان ئۇرۇشتا ئۇرۇش بولىۋاتقان جەڭ مەيدانىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنۈش ، قورال-ياراقلارنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن ئۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇشقا قاتناشقان قىسىملاردىن ئۇرۇش مەيدانى ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھىرلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ . ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى ۋە باشقا ئارمىيە تۈرلىرى ئۇرۇش مەيدانى ماكان سېزىمى دەيدىغان بىر ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، يەككە ئۇنۋېرساللاشقان ھاۋادىكى سۈرەت (SLAP) دەپ ئاتىدى . تاكتىكىلىق سانلىق مەلۇمات زەنجىرى تەمىنلىگەن ئۇچۇر يەتكۈزۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى SLAP نى ھاسىل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى . سانلىق مەلۇمات زەنجىرى قېرىنداش قىسىملارنىڭ ئورنى بىلەن تەمىنلەشتىن سىرت يەنە دۇشمەن ئارمىيىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەقسىملەيدۇ ۋە ئورتاق بەھرىمان قىلالايدۇ . سانلىق مەلۇمات زەنجىرى بىلەن سەزگۈچ ئۈسكىنىلەر ، ئانالىزچىلار ، تەدبىر بەلگىلۈگىچىلەر ۋە قورال-ياراق سۇپىلىرنى بىر-بىرىگە باغلاپ تورنى مەركەز قىلغان ئۇرۇش ھەركىتىنى تەشكىللىگەندە ، نىشاننى بايقاش بىلەن زەربە بېرىشنى تەڭلا دىگۇدەك ئورۇنلىغىلى، تېزلىكتە ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە ۋاقىتلىق پەيدا بولغان نىشانلارغا دەل زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغىلى بولىدۇ . تاكـىكىلىق سانلىق مەلۇمات زەنجىرى يەنە قىسىملارنى ماسلىشىپ جەڭ قىلغۇزغۇچى "يىلىم" بولۇپ ، ھەر خىل ئارمىيە تۈرلىرىنىڭ بىرلىشىش ، ئۆز-ئارا ئالاقىلىشىشىدىكى ئاچقۇچى . سانلىق مەلۇمات زەنجىرىنى قوللانغاندا ھەرقايسى ئۇرۇشقۇچى بىرلىكلەرنىڭ ماسلىشىپ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە يۇقۇرى كۆتۈرۈپ ، ھەقىقى رەقەملەشكەن جەڭ مەيدانىنى شەكىللەندۇرگىلى بولىدۇ .
سانلىق مەلۇمات زەنجىرى ۋە TMD
ئامېرىكا ئارمىيىسى نوۋەتتە قۇرىۋاتقان جەڭ رايونىدا باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سېستىمىسى بولسا تىپىك سانلىق مەلۇمات زەنجىرىنى ئىشلەتكەن ئۇنۋېرسال مۇداپىئە سېستىمىسى.
OODA (كۈزۈتۈش ، ھۆكۈم ، تەدبىر ۋە ھەركەت) ھالقىسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئامېرىكا كەلگۈسىدە دۇشمەن بىلەن ئۆزىنىڭ " كۈزۈتۈش "تىن كېلىدىغان سانلىق مەلۇمات مىقدارىنى تەڭلىشىپ قالىدۇ دەپ قارايدۇ ۋە OODA ھالقىسىنىڭ "ھۆكۈم" تۈگۈنىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىمەكچى بولىدۇ . TMD سېستىمىسىنى مىسالغا ئالساق زەربە بېرىش ۋە زەربىگە تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا ئىككىلا تەرەپنىڭ OODA ھالقىسى ئۈزلۈكسىز كۈچ سىنىشىدۇ . ئامېرىكىنىڭ OODA ھالقىسى ئشقا چۈشسە دۈشمەننىڭمۇ OODA سىمۇ قاراپ ئولتۇرمايدۇ ، توختىماستىن ئۆز باشقۇرىلىدىغان بومبىسىنىڭ ئەمەلىي ئورنى ، تىرايېكتورىيىسى ۋە چۈشۈش ئېھتىمال نۇقتىسى قاتارلىقلارنى توختىماستىن ئۆلچەپ ، زەربە نىشانى بولغان ئورۇن بىلەن سېلىشتۇرۇپ ، تۇرلۇك ئاماللار بىلەن باشقۇرىلىدىغان بومبىنى يېتەكلەپ ياكى ھەركەت قىلدۇرۇپ توسۇشتىن قاچىرىدۇ ياكى ساختا ئوق بېشىنى قويۇۋېتىش ۋاقتىنى كونترول قىلىپ ئەسلىدە بەلگىلەنگەن نىشانغا دەل زەربە بېرىشكە تىرىشىدۇ، زەربىنى باھالاپ بولۇپ يەنە زەربە بېرىشكە تەييارلىنىدۇ . بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىنىڭ OODA ھالقىسىدىن دۇشمەن باشقۇرىلىدىغان بومبىسىنىڭ دەل زەربىسى ئەمەلگە ئېشىشتىن بۇرۇن توسۇپ بولۇشنى شۇنىڭدەك دۇشمەن يەنە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ قويۇپ بېرىش ئىستىھكامىنى بىت-چىت قىلىۋېتىش ۋە دۇشمەننىڭ ئەجەللىك يېرىگە زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ .
TMD مۇۋەپپىقىيەتلىك مۇداپىئە قىلىمەن دەيدىكەن ئۇنىڭ OODA ھالقىسى چوقۇم دۇشمەننىڭ OODA ھالقىسىدىن كىچىك بولىشى، ئۇچۇر يەتكۈزۈشكە كەتكەن ۋاقىتنى قىسقارتىشى كېرەك. بۇلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن سانلىق مەلۇمات زەنجىرىگە تايانماي بولمايدۇ. چۈنكى پەقەت سانلىق مەلۇمات زەنجىرىلا ئۇچۇرنىڭ نەق ۋاقىتتا تارقىتىلىشى ۋە تەقسىملىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇپ ، ئۇچۇر ئۈستۈنلىگى ۋە تەدبىر ئۈستۈنلىگىگە ئېرىشتۈرەلەيدۇ . ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ TMD سېستىمىسىنى قۇرۇش جەريانىغا قارىغاندا پۈتكۈل TMD سېستىمىسى Link16 نى ئاساىسي غول قىلىپ ھەر خىل سانلىق مەلۇمات زەنجىرىدىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە سانلىق مەلۇمات تورى(JDN)دىن تەشكىل تاپقان .
ھاۋدىن ھاۋاغا قىلىنغان ئۇرۇش ۋە سانلىق مەلۇمات زەنجىرى
ھاۋادىن ھاۋا قىلىنغان ئۇرۇشتا سانلىق مەلۇمات زەنجىرىنىڭ ئاساسلىق ئىشلىتىلىش ئورنى جىمجىت ھۇجۇم. ھاۋا ئۇرۇشىدا نىشانلانغان ئايرۇپىلان قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ ئىزىغا چۈشكىنىنى ۋە باشقۇرىلىدىغان بومبىنىڭ مۇساپا دائىرىسىدە ئىكەنلىگىنى سەزگەندىن كېيىن تۈرلۈك قارشى تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ. سانلىق مەلۇمات زەنجىرىنى ئىشلەتكەندە بولسا ئايرۇپىلان ئەترىتىدىكى ھەممە ئايرۇپىلاننىڭ رادارنى ئېچىپ ئاقتۇرۇشى ھاجەتسىز، پەقەت نىشاننى بايقىغان ئايرۇپىلان تەمىنلىگەن ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپلا باشقۇرىلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلالايدۇ، ئۈن-تىۋىشسىزلا نىشانلانغان ئايرۇپىلاننى بۇرجەككە قىستاپ ئاپىرىپ، بىراقلا ئېتىپ چۈشىرىۋېتەلەيدۇ .
ئامېرىكا ئارمىيىسى ھاۋا ئۇرۇشى قىلغاندا ئادەتتە قوماندانلىق قىلغۇچى خادىملار E-3A ياكى E-2 "بۈركۈت كۆزى" تىپلىق ئالدىن سىگنال بەرگۈچى ئايرۇپىلانلاردا تۇرىدۇ . ئالدىن سىگنال بەرگۈچى ئايرۇپىلانلارغا سانلىق مەلۇمات زەنجىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك خەۋەرلىشىش سېستىمىلىرى ئورنۇتىلغان بولۇپ ، ھاۋادىكى باشقا سۇپىلار بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشالايدۇ ، ئايرۇپىلانلارنىڭ ھاۋا ئۇرۇشى ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىدۇ. پارس قولتۇقى ئۇرۇشى داۋامىدا ئامېرىكا ئارمىيىسى ئېتىپ چۈشۈرگەن 39 دانە ئىراق ئايرۇپىلانىنىڭ 37 سى ئالدىن سىگنال بەرگۈچى ئايرۇپىلانننىڭ سانلىق مەلۇمات زەنجىرىنىڭ يېتەكلەش ئۇچۇرى بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن . پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدىكى كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى دۋامىدا بىرلەشمە ئارمىيە 109868 ئايرۇپىلان / قېتىم ھۇجۇم قىلغان بولۇپ ئۇرۇشتا زەخمىلىنىش نىسبىتى %0.041 بولغان، ئاساسلىق ئامىلنىڭ بىرى بولسا بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ ئايرۇپىلانغا ئورنۇتۇلغان JDIS سانلىق مەلۇمات زەنجىرى سېستىمىسىنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلەتكەنلىگىدۇر .
كوسوۋۇ ئۇرۇشى جەريانىدا ، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى (ش ئا ت) نىڭ F-16 تىپلىق ئايرۇپىلانى يۇگۇسلاۋىيە ئىتتتىپاقىنىڭ MG-29 تىپلىق ئايرۇپىلانىدىن بەشنى ئېتىپ چۈشۈرىۋەتكەن . بۇ ھەرگىزمۇ MG-29نىڭ سۈرئىتى ئاستا ، كۆتۈرۈلۈش چېكى تۆۋەن ، ئوت كۈچى ئاجىزلىقىدىن ئەمەس ، بەلكى ئۇرۇشىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىنىڭ بىر سەۋىيىدە ئەمەسلىگىدىن بولغان . گەرچە MG-29 يەككە ئايرۇپىلان ئىقتىدارى جەھەتتە F-16 دىن قېلىشمىسىمۇ ، ئەمما شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇمات زەنجىرىنى تېرەك قىلغان ئالدىن مەلۇمات بېرىش قوماندانلىق سېستىمىسى بولغاچقا ، كۈرەشچى ئايرۇپىلانلىرىنى نەچچە يۈز كىلومېتىر دائىرىدىكى دۈشمەن ئايرۇپىلانىنىڭ ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەپ تۇرالايدۇ . شۇنداقلا كۈرەشچى ئايرۇپىلانلىرىنى دەل يېتەكلەپ قوماندانلىق قىلالايدۇ. شۇ ئارقىلىق دۈشمەندىن بۇرۇن نىشاننى تۇتىۋالايدۇ. MG-29 نىڭ ھەر بىر ھەركىتى بولسا شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ئايرۇپىلانلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولىدۇ ھەمدە نەچچە ئون كىلومېتىر يىراقتىنلا كۆرۈشتىن ھالقىغان ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرىلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قوزغىيالايدۇ. يۇگۇسلاۋىيە ئىتتىپاقىنىڭ بولسا ئالدىن سىگنال بېرىش ئايرۇپىلانى يوق بولغاچقا، MG-29 تىپلىق ئايرۇپىلان خۇددى ئەما كىشى قارىغۇ ئاتقا مىنگەندەك ھالغا چۈشۈپ قېلىپ ئۇرۇشتا پاسسىپ ئەھۋالدىن قۇتۇلالمايدۇ ، ئېتىپ چۈشۈرىۋېتىلىشىنىڭ ئەجەپلەنگىدەك يېرى يوق .
ئامېرىكا ئارمىيىسى دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇلغان دوكلاتىدا سانلىق مەلۇمات زەنجىرىنىڭ ھاۋا ئۇرۇشىدىكى رولىنى مۇنداق خۇلاسىلىغان : بىرىنچى ، سانلىق مەلۇمات زەنجىرى ئۇچقۇچىنى ئۆز ئايرۇپىلانلىرى ۋە دۇشمەنىڭ ئايرۇپىلانلىرىنىڭ سەپ ئورنى بىلەن ئۈزلۈكسىز تەمىنلەپ ، سىمسىز خەۋەرلىشىش ئېھتىياجىنى ئازايتىپ، ئۇچقۇچىنىڭ دىققىتىنى جەڭ مەيدانىنىڭ ماكان ۋە ھەركىتىگە مەركەزلەشتۈرىدۇ. ئىككىنچى، كېچە ۋە بوران-چاپقۇنلۇق ئەھۋاللاردا سانلىق مەلۇمات زەنجىرى سەپلەنمىگەن دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىشتا ئۆز قىسىملار تېخىمۇ ياخشى ھەمدەملىشەلەيدۇ. ئۈچىنچى، سانلىق مەلۇمات زەنجىرى خاتا ھۇجۇم ئەھۋاللىرىدىن ساقلايدۇ . بىر F-15 تەسادىپىي يەنە بىر ئامېرىكا ئايرۇپىلانىنى قارىغا ئېلىپ قويسا پۈتكۈل خاتالىق شۇ ھامان ئۇنىڭ ئېكران سۈرىتىدە نامايەن بولىدۇ (بىر ئۆز تەرەپ ئايرۇپىلانى بىلەن تۇتاشقان سىزىق كۆرۈنىدۇ) ، ئۇچقۇچى ئىنتايىن قىسقا ۋاقىتتىلا ئۆز خاتالىقىنى سېزىۋالايدۇ .
ھاۋادىن يەرگە قىلىنىدىغان ھۇجۇم ۋە سانلىق مەلۇمات زەنجىرى
يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدىكى قىسمىي ئۇرۇشلاردىن بىز ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھەر بىر قېتىملىق ھاۋادىن قىلىنغان زەربىسىنىڭ بىر "يېپىق ھالقا" ھەركىتى ئىكەنلىگىنى، يەنى ئاخبارات، رازۋېتكا، نازارەت قىلىش، قوماندانلىق ۋە كونترول قىلىش، ھاۋادىن زەربە بېرىش، زەربە ئۈنۈمىنى باھالاشلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرىۋاتقانلىغىنى كۆرىۋالالايمىز. بۇ ھەركەتلەرنىڭ ئۈنۈمىمۇ ئۈزلۈكسىز يۇقۇرى كۆتۈرۈلمەكتە. نىشانننى بايقىغاندىن تارتىپ ھۇجۇمغا ئۆتكۈچە بولغان ۋاقىت زور دەرىجىدە قىسقارماقتا. ئۆز ۋاقتىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ئىقتىدارى كۈچەيمەكتە. بۇنىڭدىكى ھەل قىلغۇچ رول ئوتناۋاتقان ئامىل دەل سانلىق مەلۇمات زەنجىرىدۇر. سانلىق مەلۇمات زەنجىرى ئاتقۇچى بىلەن سېنزورلارنى تورغا كىرگۈزۈپ، ئۇچۇر يەتكۈزۈشنىڭ ۋاقىتچانلىغىنى كۈچەيتىپ ، تېز سۈرئەتتە ئىنكاس قايترۇرۇش ئىقتىدارى ۋە قوراللارنىڭ دەل زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتمەكتە.
كوسوۋودىكى ھاۋا ھۇجۇمى جەريانىدا ئىىتىپاقداش ئارمىيە دۇچ كەلگەن ئاساسلىق خىرىسنىڭ بىرى ھەركەتتىكى يەر يۈزى نىشانلىرىنى قانداق بايقاش ، قۇلۇپلاش ، قارىغا ئېلىش ۋە زەربە بېرىش بولدى . كوسوۋونىڭ ھاۋا رايى ، يەر شەكلى ۋە باشقا ئامىللار ئۇلارنىڭ ئېھىتىمالىي نىشانلارنى پەرقلەندرۈش ۋە خىللىشىنى قىيىنلاشتۇرىۋەتتى .. ئۇنىڭدىن باشقا ئالدىنقى سەپتىكى كونترولچى ئايرۇپىلانلار ۋە ھۇجۇمچى ئايرۇپىلانلار 5000 مېتىر ئىگىزلىكتە (ئۇرۇش رايۇنىدىكى يەردىن ھاۋاغا ئېتىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن لازىملىق تەقرىبى ئىگىزلىك) ئۆزىدىكى سېنزورلار ئارقىلىق كىچىك تىپتىكى ھەركەتچان نىشانلارنى بايقاشنىڭ مۈشكۈللىگىنى ھېس قىلىشتى . پۇ توسالغۇلارنى يېڭىش ئۈچۈن سېنزورلارنى ، ئانالىزچىلارنى ، قارارچىلارنى ۋە ئاتقۇچىلارنى سانلىق مەلۇمات زەنجىرى ئارقىلىق ئۇلاش كېرەك ئىدى . مەسىلەن : ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ 11-رازۋېتكا ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ "ئوزۇق تۇتقۇچى" ماركىلىق ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانى بوسنىيەنىڭ تۇزلا ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، بۇ ئايرۇپىلان تارتقان سۈرەتلەر سۇنئى ھەمرا ئالاقىسى ئارقىلىق ئېنگىلاندنىڭ يەر يۈزى پونكىتىغا يەتكۈزۈلىدۇ ، ئاندىن ئوپتىك تالا ئالاقە يولى ئارقىلىق ئامېرىكىدىكى بىر تەرەپ قىلىش پونكىتىگە يەتكۈزۈلىدۇ . بىر تەرەپ قىلىنغان ئۇچۇرلار ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىغا يەتكۈزۈلۈپ ئۇ يەردىن يەر شارى رادىئو مۇلازىمەت سۈنئى ھەمراھى ئارقىلىق ئۇرۇش مەيدانىغا قايتۇرۇپ ئەۋەتىلىدۇ . ئىتالىيىنىڭ پىئاسېنزاغا جايلاشقان بىرلەشمە ئالەم-ئاۋىئاتسىيە ئۇرۇش قىلىش مەركىزى بۇ ئۇچۇرنى قوبۇل قىلىپ ئاندىن نىشان ئۇچۇرىنى ھاۋادىكى قوماندانلىق كونترول ئايرۇپىلانىنىڭ كونترولچىسىغا يەتكۈزۈدۇ ، ئارقىدىن ئالدىنقى لىنىيەنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىكى كونترول ئايرۇپىلانىغا يەتكۈزىلىدۇ . ئالدىنقى لىنىيەدىكى كونترولچى ئايرۇپىلان ئۇلاپلا ئالدىن بېكىتىلگەن تاكتىكا ، تېخنىكا ۋە تەرتىپ-باسقۇچلار بويىچە ھۇجۇمچى ئايرۇپىلاننى بۇ ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ خىل تورلاشقان زەربە زەنجىرى قىسىملارنىڭ ئۇچۇرغا ئېرىشىشچانلىقىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، ئالاقە زەنجىرىدىكى كېلىپ-كېتىپ يۈرگەن ئۇچۇرلار ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە نىشاننى ئانالىز قىلىدۇ ۋە ھۇجۇم تەدبىرىنى بېكىتىدۇ. نەتىجىدە ئارىلىقتىكى كېچىكىشلەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىدۇ، بۇ خىل كېچىكىشلەر كۆپ ھاللاردا نىشاننى قاچۇرۇپ قوياتتى.
2001-يىلىدىكى ئافغانىستان ئۇرۇشى جەريانىدا ئارمېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈش جەھەتتە پارىس قولتۇقى ۋە كوسوۋو ئۇرۇشلىرىغا قارىغاندا روشەن ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشتى. پارىس قولتۇقى ئۇرۇشىدا ئىراق ئارمىيىسى باشقۇرىلىدىغان بوبا قويۇپ بەرگۈچنى يوشۇرۇپ قويغان ئورنۇدىن سۆرەپ چىقىپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئېتىپ بولۇپ يەنە يوشۇرۇپ قويۇلايتتى. ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ رازۋېتكا سايمانلىرى قويۇپ بەرگۈچنى بايقىغان تەقدىردىمۇ، نىشان ئۇچۇرلىرىنى زەربە قوراللىرىغا ئۆز ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرەلمەيتتى. ئەينى چاغدا بۇ ئۇچۇر يەتكۈزۈش جەريانىغا بىر نەچچە سائەت كېتەتتى، شۇنىڭ بىلەن دەل زەربە بەرگۈچى قوراللارنىڭ ئۈنۈمىمۇ زور دەرىجىدە ئاجىزلايتتى. پارىس قولتۇقى ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا ئارمىيىسى نىشان ئۇچۇرلىرىنى سېنزورلاردىن قويۇپ بەرگۈچلەرگە يەتكۈزۈش ۋاقتىنى 10 مىنۇت ئچىدە يىغىشقا قاتتىق ئىرادە قىلدى. ئەمما تاكى كوسوۋو ئۇرۇشىغىچە بۇ نىشانغا تەل-تۆكۈس يېتەلمىدى. ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئۇچۇرلارنى سېنزورلاردىن قويۇپ بەرگۈچلەرگىچە يەتكۈزۈش ۋاقتى يەنىلا سائەت بويىچە ھىساپلىنىۋەردى. ھالبۇكى ئافغانىستان ئۇرۇشىغا كەلگەندە بولسا، ئامېرىكا ئارمىيىسى يۇقۇرقى نىشانىغا ئاساسەن يېتىپ بولدى.
ئىراق ئۇرۇشى جەريانىدا ئامېرىكا ئارمىيىسى Link16 سانلىق مەلۇمات زەنجىرى ۋە باشقا سانلىق مەلۇمات زەنجىرلىرى ئارقىلىق U-2 يۇقۇرى بوشلۇق رازۋېتكا ئايرۇپىلانى، "بۇلاڭچى" ۋە "دۇنيا بۈركۈتى" ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانى، E-3 ئالدىن مەلۇمات قوماندانلىق ئايرۇپىلانى، E-8 "بىرلەشمە يۇلتۇزى" ئۇرۇش مەيدانى قوماندانلىق ئايرۇپىلانى، RC-135 سىگنال ئاخبارات ئايرۇپىلانى ۋە A-10, F-15, F-16, AH-64D قاتارلىق ئۇرۇش سۇپىلىرىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا باغلاپ، يەر يۈزى قىسىملىرى ۋە ھاۋادىن زەربە بەرگۈچى كۈچلەر ئارىسىدىكى ماسلاشما ئۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ھالدا پىلانلىدى ھەم ئەمەلگە ئاشۇردى. سانلىق مەلۇمات زەنجىرى كەڭ-كۆلەمدە قوللىنىلغانلىقتىن، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ نىشاننى قايتىدىن بېكىتىش ۋە زەربە بېرىش ۋاقتى بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپ دەرىجىدە قىسقاردى. ئىنتايىن ھالقىلىق ھەركەتچان نىشانلارغا نىسبەتەن ئامېرىكا ئارمىيىسى تۇنجى قېتىم ئاخباراتقا ئېرىشكەندىن كېيىنكى بىرنەچچە مىنۇتتىن ئىككى سائەتكىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ھۇجۇم قوزغىيالايدىغان بولدى. مەسىلەن ئامېرىكا ئارمىيىسى سادامغا ئىككىنچى قېتىملىق "كاللا كېسىش" ھەركىتىنى قوزغىغاندا، تۇرار جايىنى ئىگىلەشتىن تارتىپ ئاخباراتنى بېكىتىش، ھاۋادىن زەربە بېرىش قارارىغا كېلىپ بومغا تاشلانغۇچە جەمئى 45 مىنۇتلا كەتكەن، B-1B بومباردىمانچى ئايرۇپىلان ھۇجۇم بۇيرۇقى ۋە نىشان كوردىناتىنىغا ئېرىشكەندىن تارتىپ بومبا تاشلىغۇچە پەقەتلا 12 مىنۇت سەرپ قىلغان. ئامېرىكا سىملىق خەۋەر تورىنىڭ ئاشكارىلىغان باشقا خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئىراق باشقۇرىلىدىغان بومبا قىسىملىرى 27-مارت بەسرەنىڭ جەنۇبىغا ئورۇنلاشقان يەر يۈزى بازىسىدىن كۇۋەيت شەھرى ئەتراپىدىكى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ دوھا ھەربىي لاگىرىغا "سامۇد" تىپلىق باشقۇرىلىدىغان بوبىدىن بىرنى قويۇپ بەرگەن. ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىۋاتقان مەركىزىي قوماندانلىق شىتابىنى بىراقلا يوقىتىش قەستىدە بولغان. قىل ئۈستىدە تۇرغان جىددى ۋەزىيەتتە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ دوھاغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان "ۋەتەنپەرۋەر" باشقۇرىلىدىغان بومبا قىسىملىرى دەرھال باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن ئىككىنى قويۇپ بەرگەن، 3 سېكونتتىن كېيىن بۇنىڭ بىرسى باشقۇرىلىدىغان بومبا "سامۇد"نى مۇۋەپپىقەتلىك توسۇۋالغان. ۋەقە يۈز بېرىپ بىرنەچچە مىنۇتتىن كېيىنلا ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىراق ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇم قوزغىغان باشقۇرىلىدىغان بومبا قىسمىنىڭ ئورنىنى تېپىۋالغان، A-10 ھۇجۇمچى ئايرۇپىلانى ئىشقا سېلىپ بۇ باشقۇرىلىدىغان بومبا بازىسىنى پاچاقلاپ تاشلىغان.
ھاۋا ئوت كۈچى زەربىسى بىلەن يەر يۈزى قىسىملىرىنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۈچتىن بىر قىسىم ھاۋادىن زەربە بەرگۈچى ئايرۇپىلانلىرىنى ھاۋادا پۇرسەت كۈتكۈزۈپ، ھەر ۋاقىت يەر يۈزى قىسىملىرىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن "ئۆز ۋاقتىدا" زەربە بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرغان. بۇنىڭغا كەتكەن ۋاقىت دەۋرى پەقەتلا بىرنەچچە مىنۇت ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئاز بولغان، نەتىجىدە ئىراقنىڭ ئوت كۈچى نۇقتىلىرى يۆتكىلىشكە ئۈلگۈرمەيلا يوقۇتۇش خاراكتىرلىك زەربىگە ئۇچرىغان. سانلىق مەلۇمات زەنجىرى تېخنىكىسىغا تايىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ھاۋا-يەر يۈزىنىڭ بۇ خىل زىچ ماسلىشىشى ھەتتاكى شەھەردىكى كوچا ئۇرۇشلىرىدىمۇ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلدى. ئامېرىكا ئارمىيىسى نەجىف، ناسىرىيەدىكى ئۇرۇشلاردا ئىمارەتلەرگە يوشۇرۇنغان ئوت كۈچى نۇقتىلىرىغا ئۇچرىغان ھامان دەرھال توختاپ ھاۋا ئوت كۈچى زەربىسىنى ياردەمگە چاقىرىپ، كوچا ئۇرۇشىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ تالاپىتىنى زور دەرىجىدە ئازايتقان.
ئامېرىكا ئارمىيىسى "ۋاقىتقا سەزگۈز" نىشانلارغا "دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇش" نى تەلەپ قىلىدۇ، ھەمدە بۇ "دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇش" ۋاقتىنى 30 مىنۇت دەپ تەبىر بېرىدۇ، كەلگۈسىدىكى نىشانى بولسا 10 مىنۇت ئىچىدە كونترول قىلىش. بۇ قىسقىغىنە ئاساسىي ۋاقىت چېكى ئىچىدە بايقاش، ئورۇن بېكىتىش، نىشانلاش، ئىزىغا چۈشۈش، ئۇرۇشۇش ۋە باھالاشلار ئارقىلىق نىشاننى قارىلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۇرۇشۇش ۋە باھالاشقا 25 مىنۇت، بايقاش، ئورۇن بېكىتىش، قارىغا ئېلىش ۋە ئىزىغا چۈشۈشكە پەقەتلا 5 مىنۇت كېتىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇنچىلىك قىسقا ۋاقىتتا پەقەت سانلىق مەلۇمات زەنجىرىنى ئاساسىدىكى تور مەركىزى ئۇرۇشى قىلغاندىلا يۇقۇرقىلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش قىلىش تۇزۇلمىسى ۋە ئۇرۇش قىلىش مۇھىتى ئوخشاشمايدۇ، ئەمما ئۇچۇرلىشىشقا قاراپ ئالغا كېتىۋاتقان جەرياندا ، قانداق قىلىپ مۇستەھكەم "ئۇرۇشنىڭ نېرۋا تالاسى" نى بىنا قىلش ساقلانغىلى بولمايدىغان مۇھىم تېما.
_____________________________________________________________
«دۇنيا ھەربىي ئىشلىرى» ژورنىلىنىڭ 2006-يللىق2-سانىدىكى شۇ ناملىق ماقالىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى، نەشر ھوقۇقى «ئىزدىيارى» ۋە ئۆزەمگە مەنسۇپ ! |
|
| چوققىغا قايتىش |
|
 |
|
|
بۇ سەھىپىگە يېڭى يېزىلمىلار يازالمايسىز . بۇ سەھىپىدىكى يېزىلمىلارغا جاۋاب يازالمايسىز . بۇ سەھىپىدىكى يازمىلىرىڭىزنى تەھرىرلىيەلمەيسىز . بۇ سەھىپىدىكى يازمىلىرىڭىزنى ئۆچۈرەلمەيسىز . بۇ سەھىپىدىكى راي سىناشقا ئاۋاز بېرەلمەيسىز .
|
| |
| 
|
新ICP备05002420号
مەزكۇر بەتتىكى بارلىق پۈتۈك ۋە رەسىملەر پۈتۈك ئىگىلىرى ۋە ئىزدىيارى تور بېتىگە مەنسۇپ. ئىشلەتكۈچىلەر چوقۇم ئەسكەرتىپ ئىشلىتىشى كېرەك .© 2008-2004 Izdiyari.
Xetler normal körünmise ni chüshürüp yükleng we Internet Explorer ni qayta qozghiting.

Copyright © 2005 by Francisco Burzi. This is free software, and you may redistribute it under the . PHP-Nuke comes with absolutely no warranty, for details, see the . بەت ھاسىلە: 0.17 سېكوند
|