| ئالدىنقى تېما :: كېيىنكى تېما |
| ئاپتور |
مەسېج |
Teshna ۋەزىر


تىزىملاتقان ۋاقىت : Mar 27, 2004 يېزىلمىلار : 551 ئورنى : كورلا
|
ئارخىپ : دۈس مارت 05, 2007 8:34 pm ماۋزۇ : ھۇنلارنىڭ ئۇرۇش تاكتىكىسى (2) |
|
|
3-چېگرا رايۇندا بەلگىلىك يەرنى ئاق(بوش) قالدۇرۇش ئارقىلىق مۇداپىئە كۆرۈش تاكتىكىسى :
ھۇنلار ئۆز دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە قوشنا ئەللەرنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن چېگرا رايونلاردا بەلگىلىك كەڭلىكتىكى يەرنى ئادەمسىز قالدۇراتتى . ئاسىيا ھۇنلىرىدا شەرقتىكى توڭگۇسلار بىلەن چېگىرلىنىدىغان جايلاردا مىڭ چاقىرىمدىن ئارتۇق ئادەمسىز رايونلار قالدۇرۇلغان ئىدى . ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ ئىمپراتورى ئاتىللا شەرقىي رىم ئىمپىريىسىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن مىلادىيە 448-يىلى ئىمزالانغان «ئاناتولىس شەرتنامىسى»دا ، دوناي دەرياسىنىڭ جەنۇبىي تەرەپىدىن بەش كۈنلۈك مۇساپىدىكى بىر جاينى ئەسكەر ۋە پۇقرادىن خالىي جاي قىلىپ بېرىشنى ئوتتۇرغا قويغان ۋە شۇنداق قىلدۇرغان .
4-ھەربىي مانېۋېر خارەكتىرلىك دائىملىق تەنتەربىيە ھەركىتى :
ھەربىي تەلىم-تەربىيە ،ئالدىن كۈزۈتىش ، چاقماق تېزلىكىدە ھۇقۇمغا ئۆتۈش ، يوقۇتۇش ئۇرۇشى قاتارلىق بىر يۈرۈش مۇھىت ئىچىدە يېتىلگەن ھۇنلارنىڭ داۋاملىق غەلبىگە ئېرىشىشتىكى ئەڭ چوڭ سەۋەبىلىرىدىن بىرى ، ھەربىي مانېۋېر خارەكتىرلىك دائىملىق تەنتەربىيە ھەركىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئىدى . ئات بەيگىسى، ئات ئۈستىدە ئېلىشىش، دېسكا ئېتىش، چېلىشىش، قۇشچىلىققا ئوخشاش ھەركەتلەر ھۇنلارنىڭ خارەكتىرىنى مۇستەككەملەيتتى .ئاياللارمۇ قاتنىشىدىغان تۈرلۈك توپ ئويۇنلىرى---پۇتبول، گولف، پولۇ (ئاتلىق توپ ئويۇنى) ھۇنالردىن ئېتىبارەن تۈرك قەۋىملىرىدە ئوينالغان بولۇپ، بۇ كۆك تۈرك قەۋىملىرىدنن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارالغان . خەنزۇچە مەنبەئەلەرگە قارىغاندا مىلادىدىن بۇرۇنقى 62-يىلى ھۇن ئىمپىريىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئۇيۇشتۇرلغان بىر قېتىملىق ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئوۋ ھەركىتىگە 100مىڭ ئاتلىق ئەسكەر قاتناشقان ئىدى.
ھەربىي مانېۋېر خارەكتىرىدىكى دائىملىق تەنتەربىيە ھەركىتى نەتىجىسىدە چاققان، چەبدەس ۋە جەڭگىۋار روھ بىلەن ئۇرۇشتا باتۇرلۇق خىسلىتىنى ياراتقان ھۇن قوشۇنىنىڭ «تۇران تاكتىكىسى»، كېيىن ھارقايسى تۇركىي مىللەتلەر تەرىپىدىن تەدبىقلانغاندىن سىرت ، يەنە باشقا مىللەتلەر تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنغان ئىدى . ھەربىي يۈرۈش مەزگىللىرىدە تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا ۋە ئوخشىمىغان جۇغراپىيىلىك مۇھىتقا ئاسانلا ماسلىشىش ئالاھىيدىلىكى بىلەن ، ھازىرقى زامان تەتقىقاتچىلىرىنىمۇ ھەيران قالدۇرغان ھۇن قوشۇنىنىڭ تەلىم-تەربىيىسى، كۈچ-قۇدرىتى، تەشكىل-ئىنتىزامى، تاكتېكىسى ۋە ئۇرۇش قوراللىرىنىڭ ئىلغارلىقى باشقىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان تۇنجى بوز قىر مۇئەسسەسىدۇر .
=====================================================
«تەڭرى قامچىسى ئاتىللا» .2000-يىل 9-ئاي ، ئۇيغۇرچە . _________________ ياشلىقتا ئىزدەن ، قىرانلىقتا ئويلان ، ئارىفلىقتا ئىز قالدۇر ... ئەمما بۇ ئىزلار ئەلۋەتتە ياشلىقتىن باشلانغان بولىدۇ ... |
|
| چوققىغا قايتىش |
|
 |
Sepra نەيزىۋاز


تىزىملاتقان ۋاقىت : Mar 17, 2004 يېزىلمىلار : 110
|
ئارخىپ : دۈس مارت 05, 2007 8:45 pm ماۋزۇ : |
|
|
| ھۇنلار، تۈركلەر، قەدىمقى ئۇيغۇرلار، موڭغۇللارنىڭ ئۇرۇش سەنئەتلىرىدە چوڭ دەرىجىدە ئوخشاشلىق بار. تۇران تاكتىكىسى ۋە ياكى بۆرە تاكتىتىكىسىنى تارىخ كىتاپلىرىدا خېلى كۆرگەن، ئەمما مۇشۇلار توغرۇلۇق چوڭقۇرلىغان تەتقىقاتلار يوق ياكى مېنىڭ بىلىشىمچە يوق. بولمىسا بۇ تەجرىبە-ساۋاقلاردىن يەنە بىر «36 تەدبىر» ۋە ياكى «ئۇرۇش نەزىرىيىسى» پۈتمەيدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ... |
|
| چوققىغا قايتىش |
|
 |
Teshna ۋەزىر


تىزىملاتقان ۋاقىت : Mar 27, 2004 يېزىلمىلار : 551 ئورنى : كورلا
|
ئارخىپ : سەي مارت 06, 2007 12:42 am ماۋزۇ : |
|
|
مەنمۇ جىق نەرسە تاپالمىدىم ، ئەمما بەلكىم بىزلەر بىلمەيدىغان يەرلەردە چوقۇم بار . ھۇنلار ئورخۇن-يىسەي يېزىقىنى ئەڭ كۆپ ئىشلەتكەن دەيدىكەن ، ئەمما بۇنداق ماتىرياللارنى بىز كۆرەلمەيدىكەنمىز .
ئەمما شۇنى ئېتراپ قىلىش كېرەككى ھۇنلار ئاتلىق قوشۇنىنىڭ ئۇرۇش تاتىكىسى تاكى 2-دۇنيا ئۇرۇشى تۈگىگىچە كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ بروۋنىك قىسىملىرىنىڭ ئۇرۇش قىلىش دەستۇرى بولۇپ كەلگەن ، مەسەلەن : «چاقماق تېزلىكىدە ھۇجۇمغا ئۆتۈش»كە كەلسەك گېرمانىيە ئارمىيىسى بروۋنىڭ قىسىملىرىنىڭ ياۋروپا دۆلەرلىرىگە قىلغان « چاقماقتەك» ھۇجۇملىرى ، ئامېركا گېنىرالى پاتتوننىڭ 101-پاروشوتچى قسىمنى قورشاۋىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قىلغان ئۇرۇشلىرىدا ئىشلەتكەن ھىلە-نەيرەڭلىرى قاتارلىقلار .
ئات مەدىنىيىتىنى مەركەز قىلغان ، ئاتنى ئېغىر ئۇرۇش قورلى ھىساپلىغان ھۇنلاردىن باشلانغان مىللەت ۋە دۆلەتلەر تارىخي تەرەققىيەت جەريانىدا ئاتلىق قوشۇن ئورنىغا بورۋنىك قىسىمنى ، ئوقيا ۋە قىلىچ بىلەن يېنىك قوراللانغان ئاتلىق رازۋېتكا ئەترەتلىرىنىڭ ئورنىغان «رامبو»غا ئوخشاش ئالاھىيدە قىسىملارنى قويغان ئەمەس دىيەلەيدۇ ؟ _________________ ياشلىقتا ئىزدەن ، قىرانلىقتا ئويلان ، ئارىفلىقتا ئىز قالدۇر ... ئەمما بۇ ئىزلار ئەلۋەتتە ياشلىقتىن باشلانغان بولىدۇ ... |
|
| چوققىغا قايتىش |
|
 |
|