 |
| ياردەم |  |
| كونا خەۋەرلەر |  |
| زىيارەتچىلىرىمىز |  |
| مۇنبەر يېتەكچىسى |  |
| تەۋسىيەلەر |  |
| دوستانە ئۇلىنىشلار |  |

********************************





| |
| بىلىك تېمىلىرى |  |
|
بۇ پەيتتە بۇ توربېتنىڭ ماۋزۇلىرىدا مەسىلە بار. | |
|  |
ئىزدىيارى :: تېما كۆرۈش - ھۇنلارنىڭ ئۇرۇش تاكتىكىسى (1)
| ئالدىنقى تېما :: كېيىنكى تېما |
| ئاپتور |
مەسېج |
Teshna ۋەزىر


تىزىملاتقان ۋاقىت : Mar 27, 2004 يېزىلمىلار : 551 ئورنى : كورلا
|
ئارخىپ : پەي فېۋ 08, 2007 11:29 am ماۋزۇ : ھۇنلارنىڭ ئۇرۇش تاكتىكىسى (1) |
|
|
ھۇنلار ئاتلىق قوشۇنىنىڭ ئۇرۇش تاكتىكىسى جەھەتلەردە غەرىپ ۋە شەرق تارخشۇناسلىرىدىن سىماچىچىئەن ، بەنگو ، ماركىللىنوس ، جوردانىس ، پىرىسكوس ، ۋە ماتېئوس قاتارلىلار ئوخشىمىغان جەھەتلەردە مەلۇمات قالدۇرغان .ياۋروپا شەرقشۇناسلىرى ھۇنلاردا كۆرۈلگەن ۋە كېيىنكى تۈركېي تىللىق مىللەتلەردىمۇ ئەينەن تەدبىق قىلىنغان ئۇرۇش تاكتىكىسىنى ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمكى نامى بويىچە «تۇران تاكتىكىسى» دەپ ئاتىغان . بۇ تاكتېكىنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىدەك ئىدى :
1-چاقماق تېزلىكىدە ھۇجۇمغائۆتۈش ۋە يالغاندىن چېكىنىپ بۆتۈرمە قويۇش تاكتىكىسى :
ھۇن قوشۇنلىرى ئۇرۇشقا كىرگەندە ، ئاتنىڭ تېز سۇرئىتى ۋە نىشانغا تەككۈزۈش تېخنىكىسنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن زىچ سەپ بولۇپ ، كۈچلۈك تۈردە ھۇجۇمغا ئۆتكەن دۈشمەن قوشۇنى ئۈستىدىن غالىپ كېلەتتى . ئۇلار كۆپ ھاللاردا ئايدىڭ كېچىلەردە چاقماق تېزلىكىدە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ، قارشى تەرەپ قوشۇنىنى پاتپاراق قىلىپ بىرنەچچە سائەت ئىچىدىلا كۆزلىگەن نەتىجىگە ئۆتۈشنى مەقسەت قىلاتتى . ئەگەر ئۇرۇش ھۇنلارغا پايدىسىز ھالاتكە يۈزلەنسە ياكى ئۇزۇنغا سوزۇلسا ، ھۇنلار ئۆزلىكىدىن تۆت ئەتراپقا تارقاپ كېتىپ ئاندىن بىرلىشەتتى . بۇ خىل ھالەتنى كوپلىگەن تارخچىلار «ئىنتىزامسىز ، تەشكىلاتسىز» دەپ قارىغان ، ئەمما بۇ دەل ھۇن قوشۇنلىرىنىڭ كۆرىنەرلىك ئالاھىيدىلىكى بولغان يالغاندىن چېكىنىش ۋە بۆكتۈرمە قويۇشنىڭ نەق مەيداندا ئىشلىتىلىشى ئىدى . مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 200-يىلى يۈز بەرگەن بەيدىڭ مۇھاسىرىسى ۋە مىلادىيە 374-يىلى گوت خانلىقىنىڭ ئاغدۇرىلىشىدا ھۇنلار دەل مۇشۇ تاكتىكىلاردىن جانلىق پايدىلانغان . ھەبىي ئالىملار ۋە قىسمەن تارخچىلار بۇ تاكتېكىنى «بۆرە ئويۇنى» دەپ ئاتىغان .
2-كىچىك ھۇقۇمچى قىسىملارنى ئەۋەتىپ كۈزىتىش ۋە تەشۋىقات تاكتىكىسى :
ھۇنلار ئۇرۇش قىلىشتىن ئىلگىرى كېڭەش چاقىراتتى . ئاسىيا ھۇنلىرىدا بولسا ھەر يىلى 9-ئايدا قەرەللىك ھالدا كېڭەش ئۆتكۈزىلەتتى . ھۇنلار يەنە قەرەلسىز ھالدا «ئۇرۇش قۇرۇلتىيى» چاقىراتتى ، بۇ كەڭەش ۋە قۇرۇلتايلاردا ئاساسەن چارۋا-ماللارنىڭ سانىنى ئېلىش ، قوشۇننى ئېدىتلاش ۋە دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى بېكىتىش بېجىرىلەتتى .
ئۇرۇش قىلىش بېكىتىلگەندىكىن كېيىن مەخسۇس قوشۇن تەشكىللىنىپ ، ئۇرۇش مەيدانىنىڭ شارائىتىنى ۋە دۇشمەن ئەھۋالىنى كۈزىتىشكە ئەۋەتىلەتتى . ئىگىلىمەكچى بولغان جايلار قانچىلىك يىراق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر چوقۇم ئاۋۋال كۈزىتىپ ئاندىن ئۇرۇشقا قارار چىقىرىلاتتى . بۇ كۈزىتىشلەر بەزىدە ھەتتا نەچچە يىللارغىچە داۋام قىلاتتى . ھۇنلار ياۋروپانى ئىشغال قىلىش ، كېيىنكى چاغلاردا ئوغۇزلارنىڭ كىچىك ئاشىيا يۈرۈش قىلىش دەل مۇشۇ شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلغان .
ھۇنلار ئالدىن كۈزىتىش ۋە يوقىتىش ئۇرۇشى ئئېلىپ بېرىۋاتقاندا ، دۈشمەن قوشۇنىنى روھىي جەھەتتىن چۈشكۈنلەشتۈرۈش ئۈچۈن ناھايىتى قورقۇنۇچلىق ئەپسانا رىۋايەتلەرنى تارقىتىپ ، شاۋقۇن -سۇرەن كۆتىرىپ ، ھۇن قوشۇنىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ۋە كۆپ ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلاتتى . ئاتىللانىڭ «تەڭرى قامچىسى» دەپ ئاتىلىپ ، پۈتۈن خىرىستىئانالارنىڭ دۇنياسىنى جازالاش ئۈچۈن ، تەڭرى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىمۇ مانا مۇشۇنداق پەيدا بولغان .
=====================================================
«تەڭرى قامچىسى ئاتېللا» دىگەن كىتاپتىن . _________________ ياشلىقتا ئىزدەن ، قىرانلىقتا ئويلان ، ئارىفلىقتا ئىز قالدۇر ... ئەمما بۇ ئىزلار ئەلۋەتتە ياشلىقتىن باشلانغان بولىدۇ ... |
|
| چوققىغا قايتىش |
|
 |
|
|
بۇ سەھىپىگە يېڭى يېزىلمىلار يازالمايسىز . بۇ سەھىپىدىكى يېزىلمىلارغا جاۋاب يازالمايسىز . بۇ سەھىپىدىكى يازمىلىرىڭىزنى تەھرىرلىيەلمەيسىز . بۇ سەھىپىدىكى يازمىلىرىڭىزنى ئۆچۈرەلمەيسىز . بۇ سەھىپىدىكى راي سىناشقا ئاۋاز بېرەلمەيسىز .
|
| |
| 
|
新ICP备05002420号
مەزكۇر بەتتىكى بارلىق پۈتۈك ۋە رەسىملەر پۈتۈك ئىگىلىرى ۋە ئىزدىيارى تور بېتىگە مەنسۇپ. ئىشلەتكۈچىلەر چوقۇم ئەسكەرتىپ ئىشلىتىشى كېرەك .© 2008-2004 Izdiyari.
Xetler normal körünmise ni chüshürüp yükleng we Internet Explorer ni qayta qozghiting.

Copyright © 2005 by Francisco Burzi. This is free software, and you may redistribute it under the . PHP-Nuke comes with absolutely no warranty, for details, see the . بەت ھاسىلە: 0.19 سېكوند
|