 |
| ياردەم |  |
| كونا خەۋەرلەر |  |
| زىيارەتچىلىرىمىز |  |
| مۇنبەر يېتەكچىسى |  |
| تەۋسىيەلەر |  |
| دوستانە ئۇلىنىشلار |  |

********************************





| |
| بىلىك تېمىلىرى |  |
|  |
ئىزدىيارى :: تېما كۆرۈش - دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى قىرغۇچى ئايرۇپىلانى J-10
| ئالدىنقى تېما :: كېيىنكى تېما |
| ئاپتور |
مەسېج |
Teshna ۋەزىر


تىزىملاتقان ۋاقىت : Mar 27, 2004 يېزىلمىلار : 551 ئورنى : كورلا
|
ئارخىپ : شە يان 13, 2007 11:40 am ماۋزۇ : دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى قىرغۇچى ئايرۇپىلانى J-10 |
|
|
بۇ ئايرۇپىلان جوڭگونىڭ يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياسىغان يالغۇز رېئاكتىپ گېنراتورلۇق ئۇرۇش ئايرۇپىلانى بولۇپ ، 3-ئەۋلات كۈرەشچى ئايرۇپىلان تەبىقىسىگە كىرىدۇ . J-10 دىگەن بۇ تىپ 1980-يىلى بېكىتىلگەن بولۇپ چېڭدۇ ئايرۇپىلان ياساش شىركىتى ئايرۇپىلاننىڭ لايىھەلەش ۋە ياساشتىن ئىبارەت بىر قاتار ئىشلىرىنىگە زىممىسىگە ئالغان . 1988-يىلىغا كەلگەندە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى جوڭگوغا ئۆزىنىڭ تەتقىقى قىلىش جەريانىدا توختاپ قالغان «شىر بالىسى» ناملىق ئايرۇپىلاننىڭ بارلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولۇپ ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ J-10 دەل مۇشۇ ئايرۇپىلاننى ئۈلگە قىلىشقا باشلىغان .
1990-يىلىغا كەلگەندە ، جوڭگە بىلەن غەرىپنىڭ مۇناسىۋىتى كەسكىنلىشىشكە ئەگىشىپ ، غەرىپ ئەللىرىدىن جوڭگەغا كىرىدىغان تېخنىكا يولى ئېتىلگەن ، بۇنىڭ بىلەن جوڭگو ھۆكۈمىتى روسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشقا باشلىغان ، بۇنىڭ بىلەن J-10 ئايرۇپىلانىدا روسىيە ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ئالاھىيدىلىكى كۆرۈنەرلىك بولۇشقا باشلىغان ۋە 1996-يىلى تۇنجى سىناق ئايرۇپىلاننى مۇۋاپىقيەتلىك ئۇچۇرغان .
بۇ ئايرۇپىلان ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك ، ئايلىنالايدىغان ئىقتقدارغا ئىگە قاناتنى ئىشلەتكەن بولۇپ ، بۇ ئارقىلىق قاناتنىڭ يۈزىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان ، ھەمدە تىك شەكىللىك ئارقا رولنى ئېلىۋېتكەن . ئالدى قىسمىغا بولسا غاز قېنىتىسىمان كىچىك قانات ئورۇنلاشتۇرغان ، رېئاكتىپ دىگاتىلنىڭ ھاۋا كىرىش ئېغىزىنىمۇ كېڭەيتىپ لايىھەلىگەن . بۇ لايىھە فرانسىيىنىڭ «ئېزىتقۇ ياكى كۆلەڭگە» تىپلىق ئايرۇپىلانىغا بەكمۇ ئوخشايدۇ . بۇ ئارقىلىق ئايرۇپىلانغا S شەكىللىك ھاۋا كىرىش يولى ئورنىتىشقا مۇۋەپپەق بولغان ، بۇ خىل لايىھەدە ئايرۇپىلاننىڭ رادارغا چۈشۈپ قېلىش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن .
J-10 غا يەنە نۇرغۇنلىغان يېڭى تېخنىكىلار كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن . ئېلىترونلۇق 4 يېرىم باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئۇچۇشنى باشقۇرۇش قۇرۇلمىسى ئىشلىتىلگەن ، بۇ ئارقىلىق ئايرۇپىلان ئىلغار بولغان كونتۇرول قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان . رادار تېخنىكىسى جەھەتتە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كۆپ چاستوتىلىق ئىمپىلوس رادار ئىشلەتكەن بولۇپ كەلگۈسىدە يەنە دۆلىتىمىز تەتقىقى قىلىپ ياسسىغان كۆپ فازىلىق ئىلغار رادارنى ئىشلىتىشى مۇمكىن .
ئايرۇپىلاننىڭ ياسىلىش قۇرۇلمىسى ۋە تېخنىكىسى جەھەتتىن 3-ئەۋلات كۈرۈشچى ئايرۇپىلان سەۋىيىسىگە يەتكەن بولۇپ ، زور ھەجىملىك قانات قاتارلىق ئىلغار تېخنىكا ۋە چوڭ ماي باكى قاتارلىق ۋاستىلار ئارقىلىق مۇساپىسى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلغان . ئايرۇپىلانغا بىر دانە قوش كالېبىرلىق 23 مىللىمېتېرلىق ئاۋىئاتسىيە پىلىموتى ، «چاقماق» تىپلىق ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قوراللاندۇرۇلغان . يېقىن كەلگۈسىدە يەنە «چاقماق-11» تىپلىق لازىر نۇرلىق يۇقۇرى نىشانلىق بومبا ۋە لازىر نۇرلۇق قورال-ياراغ باشقۇرۇش سېستىمىسى ئورنىتىلىدىكەن . تۆۋەنكى رەسىمدىكىسى بۇ خىل ئايرۇپىلاننىڭ قوش كىشلىك نۇسقىسى .
J-10 تىپلىق ئايرۇپىلاننىڭ تېخنىكىلىق پارامىتىرلىرى:
رەزمىسى : 14.57x8.87x4.78 ؛
ئەڭ چوڭ كۆتۈرۈلۈش ئېغىرلىقى : 19277Kg ؛
ئوق دورا كۆتۈرۈشى: 7 توننا ؛
ئەڭ تېز تەكشى ئۇچۇش سۇرئىتى : 2 ماخ (ئاۋاز تېزلىكىنىڭ ئىككى ھەسسى) ؛
ئۇچۇش ئىگىزلىكى : 18000m ؛
ئۇچۇش مۇساپىسى : 2500Km ؛
دىۋىگاتىل : روسيىنىڭ AL-31FN تىپلىق رېئاكتىپ دىۋىگاتىلى ، ئىتتىرىش كۈچى 122.5 مىڭ نىيوتۇن ؛
قورال-يارىغى : بىر دانە قوش كالېبىرلىق 23 مىللىمېتېرلىق ئاۋىئاتسىيە پىلىموتى . 11 دانە ئېسىش نوقتىسى قاتالىقلار .
**********************************************************************************************
توردىكى ئاشكارە ماتېريالدىن تەرجىمە قىلىندى .
_________________ ياشلىقتا ئىزدەن ، قىرانلىقتا ئويلان ، ئارىفلىقتا ئىز قالدۇر ... ئەمما بۇ ئىزلار ئەلۋەتتە ياشلىقتىن باشلانغان بولىدۇ ... |
|
| چوققىغا قايتىش |
|
 |
|
|
بۇ سەھىپىگە يېڭى يېزىلمىلار يازالمايسىز . بۇ سەھىپىدىكى يېزىلمىلارغا جاۋاب يازالمايسىز . بۇ سەھىپىدىكى يازمىلىرىڭىزنى تەھرىرلىيەلمەيسىز . بۇ سەھىپىدىكى يازمىلىرىڭىزنى ئۆچۈرەلمەيسىز . بۇ سەھىپىدىكى راي سىناشقا ئاۋاز بېرەلمەيسىز .
|
| |
| 
|
新ICP备05002420号
مەزكۇر بەتتىكى بارلىق پۈتۈك ۋە رەسىملەر پۈتۈك ئىگىلىرى ۋە ئىزدىيارى تور بېتىگە مەنسۇپ. ئىشلەتكۈچىلەر چوقۇم ئەسكەرتىپ ئىشلىتىشى كېرەك .© 2008-2004 Izdiyari.
Xetler normal körünmise ni chüshürüp yükleng we Internet Explorer ni qayta qozghiting.

Copyright © 2005 by Francisco Burzi. This is free software, and you may redistribute it under the . PHP-Nuke comes with absolutely no warranty, for details, see the . بەت ھاسىلە: 0.15 سېكوند
|