| ئالدىنقى تېما :: كېيىنكى تېما |
| ئامېرىكا ئىرانغا ھۇجۇم قىلامدۇ ؟ |
| ھۇجۇم قىلىدۇ ! |
|
50% |
[ 1 ] |
| ياق ، ھۇجۇم قىلالمايدۇ . |
|
0% |
[ 0 ] |
| بىرنىمە دىمەك تەس ... |
|
50% |
[ 1 ] |
|
| جەمئىي ئاۋاز : 2 |
|
| ئاپتور |
مەسېج |
Sepra نەيزىۋاز


تىزىملاتقان ۋاقىت : Mar 17, 2004 يېزىلمىلار : 110
|
ئارخىپ : سەي ماي 30, 2006 5:42 pm ماۋزۇ : ئامېرىكا ئىرانغا ھۇجۇم قىلامدۇ ؟ |
|
|
ئىران يادرو كىرزىسىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەردە تەبىئىلا بۇ سۇئال تۇغۇلىدۇ ، .ئۇنداقتا ئامېرىكا راستنلا ئىرانغا ھۇجۇم قىلارمۇ ؟
مېنىڭ قارىشىمچە ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشى تۆۋەندىكى بىر نەچچە شەرتلەرگە باغلىق :
1.ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مەيدانى ۋە قوللاش دەرىجىسى
سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاياقلىشىپ سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن يۈز بەرگەب بىرقانچە قېتىملىق قىسمىي «مەھەللىۋى» توقۇنۇشلارغا قارىساق كۆرەلەيمىزكى ئامېرىكا ئۆزىنىڭ بۇ جان-جىگەر دوستلىرىنى باشلىماي تۇرۇپ بىر ئىشقا كىرىشمەيدۇ . ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا گەرچە كۆپ قىسىم دۆلەتلەر ئىراننىڭ تۇتقان مەيدانى ۋە ھەركەتلىرىگە قارشى بولسىمۇ ئەمما قورال كۈچى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ئانچە قوشۇلۇپ كەتمەيدۇ .
2.ئىسرائىلىيەنىڭ مەيدانى
شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى ئىسرائىلىيە «قول سېلىش» تەييارلىغىنى ئاللىبۇرۇن باشلاپ بولدى ، ئامېرىكا «ئالە !...» دەپلا قويسا ھۇقۇم قىلىشقا تەييار .
3.ئىراننىڭ خوشنا دۆلەتلىرىنىڭ مەيدانى
سۈرىيەنىڭ ئىران بىلەن دوستلۇقىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئىرانغا خوشنىلىرىدىن ۋاپا كېلىشى ناتايىن ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئامېرىكىنى قانچىلىك دەرىجىدە قوللىشى ئېنىق ئەمەس .ئامېرىكىنى ھەربىي بازا ۋە ئەسلىھەلەر بىلەن تېمىنلەمدۇ يوق، ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈشىگە يول قويامدۇ -يوق ، بۇلارمۇ ئېنىق ئەمەس .
4. ئىراننىڭ مەيدانى
ئىران مۇشۇنداق تىركىشىپ تۇرۇپ ، بىر مەزگىلدىن كېيىن بىراقلا بەل قويىۋېتەمدۇ قانداق ؟ ئەھمەدىي نىجاتنىڭ كەسكىن چىرايى ئۇنىڭ ئۇنداق بېلى بوشلاردىن ئەمەسلىگىدىن بىشارەت بېرىپ تۇرىدۇ . گەرچە ئىران يادرو كىرزىسى خېلى بۇرۇنلا (2002-يىلى) باشلانغان بولسىمۇ ، ئەھمەدىي نىجات تەختكە چىقىپلا ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك بۇ كىرزىسنىڭ دەرىجىسىنى نەچچە بالداق ئۆرلەپ كەتتى . ئۇنىڭ مۇشۇنداق پەيتنى تاللاپ ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرىشى ھەرگىزمۇ يەڭگىلتەكلىك بىلەن چىقىرىلغان قارار ئەمەس . ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇشىنىڭ قۇيرۇقى ئۈزۈلمىدى ، ئىراقتا بولسا بارغانسېرى چوڭقۇر پاتقاققا پېتىپ قالماقتا . نىجادنىڭ مەقسىدى بولسا مۇشۇ قاتىلاڭچىلىقتىن پايدىلىنپ ئىراننى ئەمەلىيەتتىكى يادرو قورالى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇش .
ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ قانچىلىك دەرىجىدە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالايدۇ ، ئۇرۇش تەھدىدىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ يېرىم يولدا باشقىلار تەرىپىدىن ئاغدۇرىۋېتىلەمدۇ يوق ، بۇلار تېخى قاراڭغۇ .
5.جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەيدانى
ئەگەر بۇ ئىككەيلەن ئامېرىكىنىڭ ھەرقانداق تەرىزدىكى قورال ئىشىلىتىشىگە كەسكىن قارشى تۇرمىسىلا ، كامىدا بىرسى قارشى تۇرمىسىلا ئامېرىكا خاتىرجەم قىلىدىغىنى قىلىدۇ .
يۇقۇرقى شەرتلەرنى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە بىرلەشۈرۈپ قارىغاندا ئامررىكىنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈكتەك ... ئۇرۇشنىڭ شەكلىگە كەلسەك ئامېرىكا ھاۋا ھۇجۇمى ۋە باشقۇرىلىدىغان بومبا يىراقتىن زەربە بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئېھتىماللىقى يۇقۇرى . قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى ئىشقا سېلىش ئېھتىماللىقى ئاساسەن يوق . چۈنكى ئىران ئىراق ئەمەس ... |
|
| چوققىغا قايتىش |
|
 |
Teshna ۋەزىر


تىزىملاتقان ۋاقىت : Mar 27, 2004 يېزىلمىلار : 551 ئورنى : كورلا
|
ئارخىپ : سەي ماي 30, 2006 5:52 pm ماۋزۇ : |
|
|
ئوبدان تەھلىل بولۇپتۇ ، ھەممە ئامىللار ئوبدان تەھلىل قىلنىپتۇ !
ئىراننىڭ ھەربىي كۈچىگە ئائىت تەھلىللەر بارمۇ ؟ ئىران ئارمىيىسىنىمۇ سابىق سوۋېت ئېتتىپاقى تەربىيلىمىگەندۇر-ھە ؟ بولمىسا نەق مەيداندا تۇتۇشقاندا 2-ئىراق ئارمىيىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دەپ قارايمەن . _________________ ياشلىقتا ئىزدەن ، قىرانلىقتا ئويلان ، ئارىفلىقتا ئىز قالدۇر ... ئەمما بۇ ئىزلار ئەلۋەتتە ياشلىقتىن باشلانغان بولىدۇ ... |
|
| چوققىغا قايتىش |
|
 |
Sepra نەيزىۋاز


تىزىملاتقان ۋاقىت : Mar 17, 2004 يېزىلمىلار : 110
|
ئارخىپ : سەي ماي 30, 2006 11:07 pm ماۋزۇ : |
|
|
ئەگەر نوقۇل ھەربىي كۈچنى ئويلاشساق ئىران ھەتتاكى يەرشارىدىكى ھەرقانداق بىر دۆلەت ئامېرىكىنىڭ تەڭدىشى ئەمەس . ئامرىكا بىلەن ئىراننىڭ ئۇرۇشىنى ئېغىر دەرىجىلىك كەسپىي بوكسچى بىلەن ئىشتىن سىرتقى يېنىك دەرىجىدىكى بوكىسچىنىڭ مۇشتلىشىغا ئوخشۇتۇش مۈمكىن . ئەگەر مۇشۇنداقلا قويىۋەتسا ئىراننىڭ ئاغزى-بۇرنى قان بولۇشى ، ئامېرىكىنىڭ تۈكى تەۋرىمەسلىگى مۈمكىن . ئەمما رىئال دۇنيادىكى بۇ مۇسابىقىدە نۇرغۇن ئامىل، شەرتلەر ئامېرىكىنىڭ پۇت-قولىنى چۈشەپ تۇرىدۇ ، ئىراننى بولسا خالىغانچە مۇشتلىشىقا ، كۈچى يەتمىسە چىشلەشكە ، تېپىشكە قولىدىن كېلىدىغان بارلىق چارە بىلەن بۇ ئېغىر دەرىجىلىك بوكىسچىغا ھۇجۇم قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈ تۇرىدۇ . گەرچە ئامېرىكا 1979-يىلى ئايۇتۇللا ھۇمەينى پەھلىۋى خاندانلىقىنىڭ پادىشاسىنى قوغلۇۋېتىپ ، ئىراندا ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرغاندىن بېرى ئىران بىلەن دۈشمەنلىشىپ كەلگەن بولسىمۇ ، بۇ قېتىم پەقەت ئىراننى «ئاتوم تېخنىكىسىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى» غا خىلاپلىق قىلدى ئەيىپلىيەلەيدۇ ۋە ھۇجۇم نىشانىنىمۇ مۇشۇنىڭغا ئائىت چەكلىك نىشانلارغا قارىتىشقا مەجبۇر . شۇ سەۋەپتىن ئىراننىڭ ئومۇمىي ھەربىي ئەسلىھەلىرى ۋە ئارمىيىسىگە ئالدىراپ بىۋاستە زەربە بېرەلمەيدۇ . ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن ئامېرىكا خەلقئارادا ئومۇمىيۈزلۈك يېتىم قېلىش ۋە قارشىلىققا ئۇچراش خەۋپى بار . ئىران سىياسىي ساھەسىدە ئانچە-مۇنچە ئۇششاق ئىختىلاپلار بولسىمۇ ، ئەمما ئامرىكىغا بولغان مەيدانى بىردەك ، پۈتكۈل خەلقى دىگۈدەك شىئە مەزھىپىدە ، كۈچلۈك ئۇيۇشچان . چېچىلاڭغۇ ، ھاكىمىيىتى چىرىكلەشكەن ئىراققا ھەرگىز ئوخشۇمايدۇ .
ئۇنداقتا ئىراننىڭ ھەربىي كۈچى زادى قانچىلىك ، ئامېرىكا ئارمىيىسىگە قانچىلىك دەرىجىدە تاقابىل تۇرالايدۇ ؟
مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا ئىران 540مىڭ كىشىلىك مۇنتىزىم ئارمىيىسى بولۇپ، 1600دىن ئارتۇق تانكا ،2200 گە يېقىن برونېۋىك ماشىنا ، 3200 دىن ئارتۇق زەمبىرەك ، 300دىن ئارتۇق ئۇرۇش ئايرۇپىلان، 60 نەچچە ھەربىي تىك ئۇچار ، 3 سۇ ئاستى پاراخوتى، 60 يېقىن سۇ ئۈستى پاراخوتلىرى، 10دىن ئارتۇق قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتى بار ئىكەن ، يېقىندا ئۆتكۈزگەن مانىۋېردا ئىران يەنە ئۆزىنىڭ يېڭىدىن ياساپ چىققان تېز سۈرئەتلىك تورپىدا ، كورۇنمەس باشقۇرىلىدىغان بومبا، يۇقۇرى سۈرئەتلىك قۇرۇقلۇقتىن پاراخوتقا قارشى ئېتىلىدىغان باشقۇرىلىدىغان بومبا ، مۇساپىسى 200-300 كىلومېتىردىن 1300-1500 كىلومېتىرغىچە يېتىدىغان «قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز» تىپلىق ترايىكسىمان ئۇچىدىغان باشقۇرىلىدىغان بومبىلىرى بار . گەرچە مەيلى ئايرۇپىلان، تانكا، پاراخوت قاتارلىقلارنىڭ تېخنىكىسى جەھەتتىن ئامېرىكىدىن 20-30 يىل ئارقىدا تۇرسىمۇ «قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز» تىپلىق ترايىكسىمان ئۇچىدىغان باشقۇرىلىدىغان بومبىغا ئوخشاش كوزۇر قوراللىرىمۇ بار . بىرىنچى قېتىملىق پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدىكى ئىراقنىڭ «يەلتاپان»لىرىنىڭ ئىسرائىلىيە ۋە پارىس قولتۇقى رايۇنىدىكى ئامېرىكا ئارمىيىسىغا ئېلىپ كەلگەن ئاۋارىچىلىقى ۋە دەھشىتى ھېلىمۇ كىشىلەرنىڭ ئېسىدە . ئىراننىڭ «قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلىرى» يەلتاپاندىن مەيلى سان جەھەتتىن بولسۇن ياكى سۈپەت جەھەتتىن بولسۇن زور پەرقلىنىدۇ .
بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە ئىراننىڭ مۇۋاپىق ئىستىراتىگىيە ۋە تاكـىكا قوللۇنۇپ ، ئۆز قوراللىرىنىڭ كۈچىنى تولۇق كۆرسۈتۈپ ، جانلىق دىپلوماتىيە تەدبىرلىرىنى قوللۇنىشى ، روسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ ئىراننى كېرەكلىك ھەربىي ياردەملەر بىلەن تەمىن ئېتىشىدۇر ...
«ئېغىزدا شەھەر ئېلىش ...» نىمە دىگەن ئوڭاي ھە ~!  |
|
| چوققىغا قايتىش |
|
 |
|