 |
| ياردەم |  |
| كونا خەۋەرلەر |  |
| زىيارەتچىلىرىمىز |  |
| مۇنبەر يېتەكچىسى |  |
| تەۋسىيەلەر |  |
| دوستانە ئۇلىنىشلار |  |

********************************





| |
| بىلىك تېمىلىرى |  |
| ئىنتىل تېمىلىرىدىن... |  |
|
بۇ پەيتتە بۇ توربېتنىڭ ماۋزۇلىرىدا مەسىلە بار. | |
| ئارامگاھ |  |
| UKIJ دىن يېڭى تېمىلار... |  |
| IT بىلىملىرى (ئىزدىنىش) |  |
|
بۇ پەيتتە بۇ توربېتنىڭ ماۋزۇلىرىدا مەسىلە بار. | |
| UyghurDev دىن يېڭى تېمىلار |  |
|  |
 | 360 بىخەتەر تور كەزگۈسى 1.0 رەسمىي نەشرى... |
360Safe نىڭ يۈرۈشلىك مەھسۇلاتلىرىدىن بىرى بولغان 360Safe browser بىر قانچە قېتىملىق سىناق نەشرلىرىنى تارقىتىپ، يېڭىلاپ ئاخىرى بۈگۈن يېڭى رەسمىي نەشرى v1.0 نى تارقاتتى.
360Safe browser نىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ قۇم ساندۇق (Sand Box) تېخنىكىسىنى قوللانغانلىقىدا بولۇپ، توردىن چۈشۈرگەن ھەرقانداق پروگراممىنى ھەقىقىي سىستېما مۇھىتىدىن مۇتلەق ئايرىپ ئىجرالايدۇ. بۇنداق بولغاندا ئۇ پروگىراممىدا ۈىرۇس بولغان تەغدىردىمۇ مەۋھۇم مۇھىتتا رولىنى جارىي قىلدۇرالمايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يامان غەرەزلىك كودلار قوشۇلغان توزاق بەت* لەرنى زىيارەت قىلغاندا سىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بىخەتەرلىكىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئاساسلىق مەھسۇلاتى بولغان 360Safe بىلەن ياخشى ماسلىشىپ ، سىزنى ئۈنۈملىك قوغدىيالايدۇ.
ئورگان بېتى: http://se.360.cn/
چۈشۈرۈش مەنزىلى: http://dl.360safe.com/se/360se_1.0.exe
****************************************************
توزاق بەت ــ 钓鱼网站
|
|
|
يوللىغان Izbas -دە 18، July، Friday @ 10:29:12 MDT (25 قېتىم)
(پىكىرلەر؟ | نومۇر: 0)
|
|
 | ئىككىنجى ئەۋلاد iPhone 3G بازارغا سېلىنماقچى |
Tenchliq يازدى "2008-يىل 7-ئاينىڭ 11- كۈنى، ئالما شىركىتى ئۆزىنىڭ ئىككىنجى ئەۋلاد iPhone 3Gنى بازارغا سالماقچى. ئىككىنجى ئەۋلاد iPhone 3Gنىڭ سۆرئىتى دەسلەپكىسىدىن ئىككى ھەسسە تېز، باھاسى دەسلەپكىسىنىڭ يېرىمىغا باراۋەر بولۇپ، ئۇندىن باشقا يەنە بىر قانچە يېڭى يۇمشاق دېتاللار سەپلەنگەن .11-ئىيۇل كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 70 دۆلەتتە تەڭلا بازارغا سېلىنىدىكەن، بىراق، بۇ دۆلەتلەر ئىچىگە جۇڭگو كىرگۈزۈلمىگەن.
تەپسىلاتلىرىنى www.apple.comدىن كۆرۈڭ"
|
|
|
يوللىغان Izbas -دە 04، July، Friday @ 03:43:46 MDT (104 قېتىم)
(پىكىرلەر؟ | نومۇر: 0)
|
|
 | ئەپچىل دېتاللاردىن بىر تەۋسىيە (8) |
Driver Sweeper بولسا Driver Cleaner نىڭ ۋارىسى بولۇپ، Guru3D توربېتى لايىھەلىگەن ھەرخىل قوزغاتقۇ پىروگراممىلىرىنى سۆكۈش دېتالى. ئاساسلىق رولى پاكىزە سۆككىلى بولمايدىغان قوزغاتقۇ پىروگرامملىرىنى سۆكۈپ، ھەرخىل نەشردىكى يېڭى قوزغاتقۇلارنى قاچىلىغاندىن كېيىن كېلىپ چىققان مۇقىمسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر.
ھازىرچە بۇ دېتال ئارقىلىق NVIDIA سىنكارتىلىرى، ATI سىن كارتىلىرى، Creative ۋە Realtek ئۈنكارتىلىرى، Ageia Physx فىزىكىلق كارتىلىرى، مىكروسوفت مائۇس قوزغاتقۇلىرى... قاتارلىق قاتتىق دېتالا قوزغاتقۇلىرىنى سۆكۈپ تازىلىۋىتەلەيدۇ.
دىققەت: ئالدى بىلەن Add/Remove دىن سۆكمەكچى بولغان پىروگراممىنى سۆكۈپ، ئاندىن بىخەتەر ھالەتتە قوزغىلىپ، Driver Sweeper نى ئىجرالاپ قالدۇقلىرىنى تازىلاڭ. پۈتۈنلەي ھەقسىز.
ئورگان بېتى: http://www.guru3d.com/index.php?page=driversweeper
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
http://rw-racing.nl/driversweeper/DriverSweeper_1.5.exe
http://rw-racing.nl/driversweeper/DriverSweeper_1.5.zip
|
|
|
يوللىغان Izbas -دە 12، June، Thursday @ 03:01:20 MDT (219 قېتىم)
(پىكىرلەر؟ | نومۇر: 0)
|
|
 | Nokia N xx يانفون ئويۇنلىرىنى چۈشۈرىۋېلىڭ... (1) |
بۇ Nokia N xx تىپلىق يانفونلارغا ماس كېلىدىغان بىر قىسىم ئويۇن پروگراممىلىرى توپلىمىنىڭ 1-قىسمى بولۇپ، نۇرغۇن داڭلىق شىركەتلەر ( EA, GameLoft, VeriZon,Namco .. ) نىڭ 26 يۈرۈش يۇقۇرى سۈپەتلىك، ساقلاش قىممىتى بار ئويۇنلار توپلامدۇر.
بۇ ويۇنلارنىڭ ئېنىقلىقى 240x320 ، فورماتى *.jar ۋە *.sis شەكىللىرىدە...
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
http://cn.ziddu.com/downloadfile.php?uid=cKqalZSoarCZnJSltqyZlJyiaLCWlZWt8
تەپسىلاتى ئۈچۈن داۋامىنى كۆرۈڭ...
|
|
|
يوللىغان Izbas -دە 11، June، Wednesday @ 23:35:35 MDT (203 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | 1298 بايت قالدى | پىكىرلەر؟ | نومۇر: 0)
|
|
 | FlashGet-Mini رەسمىي نەشرى ئېلان قىلىندى... |
بىر قاتار beta نەشرلىرىدىن كېيىن، FlashGet-Mini نىڭ رەسمىي نەشرى ئېلان قىلىندى. بۇ FlashGet-Mini نىڭ كىچىكلىتىلگەن نەشرى بولۇپ، سىغىمى كىچىك، ئارتۇقچە ئېلانلىرى يوق، ئىگىلەيدىغان سىستېما بايلىقى ئاز، ئىشلىتىش قولايلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
ئورگان بېتى: http://www.flashgetmini.com/
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
http://222.141.220.151/flashgetmini_v10final_black.exe ( قارىسى )
http://222.141.220.151/flashgetmini_v10final_red.exe ( قارىسى )
|
|
|
يوللىغان Izbas -دە 11، June، Wednesday @ 23:23:49 MDT (185 قېتىم)
(پىكىرلەر؟ | نومۇر: 0)
|
|
 | ھەقسىز ئىشلىتىشكە بولىدىغان ۋىرۇسخورلار... |
ھازىر نۇرغۇن ۋىرۇس تازىلاش دېتاللىرىنىڭ مەلۇم مۇددەت ھەقسىز ئىشلىتىدىغان نۇسخىلىرى بولۇپ، تۆۋەندىكى 9 خىلىنىڭ خالىغان بىرىنى تاللىسىڭىز ئاز دېگەندە يېرىم يىل، بەزىلىرىنى ئۇزۇن مۇددەت ھەقسىز ئىشلەتكىلى بولىدۇ. كۆپىنچىسى تىزىملىتىپ ئاكتىپلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىشلەتكەندە ئۆزىڭىزنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىغا ماس كېلىدىغانلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىڭ.
1. Rising 瑞星
ئورگان بېتى : http://www.rising.com.cn
ھەقسىز ئىشلىتىش مۇددىتى: يېرىم يىل
بۇ نەشرى ئولىيمپىك يىغىنىغا ئاتالغان بولۇپ، بىۋاستە چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى: http://www.rising.com.cn/2008/free/index.htm
..........
قىزىقسىڭىز داۋامىنى كۆرۈڭ...
|
|
|
يوللىغان Izbas -دە 25، May، Sunday @ 03:29:45 MDT (315 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | 5603 بايت قالدى | پىكىرلەر؟ | نومۇر: 5)
|
|
 | UbuntuME مۇ نەشرىنى يېڭىلىدى... |
Ubuntu نىڭ مۇسۇلمانلار نەشرى Ubuntu Muslim Edition مۇ Ubuntu 8.04 LTS (Hardy Heron) ئاساسىدا نەشرىنى يېڭىلاپ، بىر قىسىم ئىسلامىي دېتاللارنى قوشۇپ ئېلان قىلدى. ئادەتتىكى نەشرى بىلەن مۇسۇلمانلار نەشرىدىكى پەرقلەر تۆۋەندىكىچە:
ـ ئائىلە باشلىقىنىڭ نازارەت قورالى webstrict ئېچىۋېتىلگەن؛
ـ قۇرئان ئۆگىتىش دېتالى Zekr 0.7.0 نەشرى قاچىلانغان؛
ـ Mozilla Firefox قا ناماز ۋاقتىنى ئەسكەرتىش (ئەرزان ) قوشۇلمىسى قوشۇلغان؛
ـ ئسلامىي دېتال Monajat قوشۇلغان؛
ـ Thwab قامۇسى قوشۇلغان؛
ـ كىرىش يۈزلىكى ۋە Gnome تۈسلىرى ئۆزگەرتىلگەن.
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما:
http://www.ubuntume.com/
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
( داۋامىنى كۆرۈڭ )
|
|
|
يوللىغان Izbas -دە 18، May، Sunday @ 02:00:34 MDT (345 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | 1431 بايت قالدى | پىكىرلەر؟ | نومۇر: 0)
|
|
 | PHP 5.2.6 نەشرى ئېلان قىلىندى... |
PHP بولسا يېڭى تىپتىكى CGI پىروگرامما تىلى بولۇپ، ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىش ئوڭاي بولۇش، ئىجرالىنىش سۈرئىتى تېز بولۇش... قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن داڭق چىقارغان. ئۇ Oracle ،Sybase ، Postgres ،Mysql ،Informix ،Dbase ، Solid ، Access قاتارلىق ساندانلار بىلەن بىۋاستە ئۇلىنىش ھاسىل قىلالايدۇ، ODBC ئېغىزىنى مۇكەممەل قوللايدۇ، ھەرخىل سۇپىلاردا كود ئۆزگەرتىش ئاۋارىچىلىقى بولمايدۇ.
بۈگۈن ئېلان قىلىنغىنى PHP 5.2.6، چۈشۈرۈش مەنزىلى:
http://de.php.net/distributions/php-5.2.6-win32-installer.msi (ۋىندوۋس ئۈچۈن )
http://de2.php.net/distributions/php-5.2.6.tar.bz2 ( لىناكس ئۈچۈن )
|
|
|
يوللىغان Izbas -دە 01، May، Thursday @ 05:36:17 MDT (433 قېتىم)
(پىكىرلەر؟ | نومۇر: 0)
|
|
 | Windows XP SP3 ھەقىقىي نەشرىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ... |
Windows Update - Windows XP SP3 نىڭ خەنزۇتىلىدىكى رەسمىي نەشرى مىكروسوفت ئورگان بېتىدە ئېلان قىلىندى.
ئىسپاتلىنىشىچە بۇ نەشرى ئالدىنقى قېتىملاردا ئاشكارىلىنىپ قالغان نەشرى بىلەن ئوخشاشكەن. قېنى مەرھەمەت... ئەمدى قورقماي چۈشۈرسەك بولغۇدەك~!
مەنزىلى:
http://download.windowsupdate.com/msdownload/update/software/svpk/2008/04/windowsxp-kb936929-sp3-x86-chs_D7067E86ABD4257454200D0C398D71C4CE6CD33E.exe
|
|
|
يوللىغان Izbas -دە 28، April، Monday @ 08:18:52 MDT (450 قېتىم)
(پىكىرلەر؟ | نومۇر: 0)
|
|
 | FlashGet-Mini نەشرى... |
Beta بولغىنى بىلەن نۇرغۇن سىناقلاردىن ئۆتكەن Flashget-Mini v1.0 beta نەشرى رەسمىي ئېلان قىلىندى.
نۇرغۇن كىشىلەر ئىشلىتىش يۈزلىكى مۇرەككەپ، ئېلانلار توشۇپ كەتكەن دېتاللارنى ئىشلىتىشنى خالىمايدۇ... ئۇلارغا پەقەت ئىقتىدارلا كېرەك. ئەنە شۇنداق كىشىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، FlashGet نى ئېچىش گۇرۇپپىسى بۇ نەشرىنى تارقاتتى، بۇ نەشرىدە كىشىنىڭ بېشىنى قايدۇرىدىغان زىيادە كۆپ تەڭشەكلەر يوق. ئىشلىتىش يۈزلىكىمۇ گۈزەللەشتۈرۈلگەن. خالىسىڭىز قاچىلىۋېلىڭ.
قىزىلى:
http://down5.flashget.com/flashgetmini_beta1_red.exe
http://down6.flashget.com/flashgetmini_beta1_red.exe
قارىسى:
http://down5.flashget.com/flashgetmini_beta1_black.exe
http://down6.flashget.com/flashgetmini_beta1_black.exe
|
|
|
يوللىغان Izbas -دە 28، April، Monday @ 08:03:38 MDT (443 قېتىم)
(پىكىرلەر؟ | نومۇر: 0)
|
|
 | تايلاند 133 يىللىق تېلېگىرامما مۇلازىمىتى بىلەن خوشلاشتى... |
25- ئاپرىل كۈنى نەچچە يۈزلىگەن كىشى تايلاند باش پوچتا ئىدارىسىگە مەخسۇس توپلىنىپ. بۇ يەردە تېلېگرامما يوللاشتى. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەپ، 1- مايدىن باشلاپ، تايلاند ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدىكى تېلېگرامما مۇلازىمىتىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. تېلېگىرامما مۇلازىمىتى تايلاندتا يولغا قويۇلغىلى 133 يىل بولغان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ تارىخىي ئەھمىيەتلىك كۈنلەردىن يالداما قالدۇرۇش ئۈچۈن ئاخىرقى قېتىم تېلېگرامما يوللىۋالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھاياتىدا تۇنجى قېتىم ھەم ئاخىرقى قېتىم تېلېگرامما يوللىغان ياشلارمۇ كۆپ بولغان.
|
|
|
يوللىغان Izbas -دە 27، April، Sunday @ 11:58:28 MDT (437 قېتىم)
(پىكىرلەر؟ | نومۇر: 0)
|
|
 | Ubuntu نىڭ ۋاريانتلىرى... |
Ubuntu 8.04 LTS نىڭ رەسمىي نەشرى ئېلان قىلىنىشى بىلەن، ئۇنىڭ باشقا «ۋاريانتلىرى» مۇ ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىندى. ئۇلار Kubuntu ،Xubuntu ،Edubuntu ،Mythbuntu ،JeOS ، Ubuntu Studio ،Ubuntu Server ... قاتارلىقلار بولۇپ، 32-64 Bit لىق نەشرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈشۈرۈش مەنزىللىرىمۇ BT ، Tunder ، Http شەكلىدە تەمىنلەنگەن.
Ubuntu بىلەن Kubuntu نىڭ تېكىستلىك ( Alternate ) ھەم سۈرەتلىك ( LiveCD ) قاچىلاش يۈزلىكى تەمىنلەنگەن.
چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز داۋامىنى كۆرۈڭ...
( سۈرئەت سەل ئاستا بولۇشى مۈمكىن )
|
|
|
يوللىغان Izbas -دە 27، April، Sunday @ 11:48:02 MDT (392 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | 8296 بايت قالدى | پىكىرلەر؟ | نومۇر: 0)
|
|
 | ماشىنا يانفون |
سۈنئىي ئىدراكلىق ماشىنا ئادەم ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر باشتىن-ئاخىر ئىنسانىيەت پەن- تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ كەلمەكتە. يېقىندا ياپونىيەنىڭ توكيو شەھرىدە مەلۇم بىر شىركەت ماشىنا يانفون Toshiba 815T نى ياساپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يانفوننىڭ سىرتقى شەكلى بىر ماشىنا ئادەمگە ئوخشايدىغان بولۇپ، بىلەك- پۇتلىرى بار ئىكەن، ئېكرانىدا ھەرخىل چىراي ئىپادىلىرىنى كۆرسىتىپلا قالماستىن، ھەتتا ئىگىسى بىلەن «پاراڭلىشالايدىكەن».
قىززىقسىڭىز داۋامىنى كۆرۈڭ...
|
|
|
يوللىغان Izbas -دە 27، April، Sunday @ 04:19:13 MDT (363 قېتىم)
(داۋامىنى ئوقۇڭ... | 1294 بايت قالدى | پىكىرلەر؟ | نومۇر: 0)
|
|
 | Apple ئۆزىنىڭ Safari 3.1 توركەزگۈسىنى ئېلان قىلدى |
Tenchliq يازدى "Appel شېركىتى ئۆز ئۇسلۇبىدىكى Safari 3.1 توركەزگۈسىنى ئېلان قىلدى. Safari سۆرئىتىنىڭ تېزلىكلىكى، ئىشلىتىلىشىنىڭ قولايلىقى ھەم ئاددىيلىقى جەھەتتىن، باشقا توركەزگۈلىرىدىن تېز ھەم قولايلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە...
www.apple.com غا كىرىپ چۈشۈرۈڭ(ھەقسىز)
"
|
|
|
يوللىغان Izbas -دە 23، April، Wednesday @ 08:56:11 MDT (380 قېتىم)
(پىكىرلەر؟ | نومۇر: 0)
|
|
 | Windows XP SP3 يېتىپ كەلدى ~!!! |
ئەڭ يېڭى خەۋەر __ Windows XP Service Pack 3 نىڭ ئېلان قىلىنىدىغان ۋاقىتلىرى بېكىتىلدى. تارقىتىلىدىغان ۋاقىتلىرى ئايرىم ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكىدەك: 14-ئاپرېلدىن باشلاپ مۇلازىمەت رەسمىي ئېچىلغان بولۇپ، 21- ئاپرېلدىن باشلاپ، OEM VL، ۋە MSDN ،TechNet لاردا تارقىتىلىشقا باشلايدۇ؛ 29-ئاپرېلدىن باشلاپ Microsoft Update ۋە Windows Update مەركەزلىرىدىن چۈشۈرۈشكە بولىدۇ؛ 10- ئىيۇندىن باشلاپ، ئاپتوماتىك يېڭىلىنىش باسقۇچىشا كىرىدۇ.
|
|
|
يوللىغان Izbas -دە 15، April، Tuesday @ 09:30:33 MDT (389 قېتىم)
(پىكىرلەر؟ | نومۇر: 0)
|
|
|  |
| 
|